|
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاتموسفېرا تەركىبىنى تەكشۈرۈش–ئۆلچەش پونكىتى يېقىندا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى . بۇ ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قۇرۇلغان تۇنجى ئاتموسفېرا تەركىبىنى تەكشۈرۈش–ئۆلچەش پونكىتى بولۇپ ، بۇ پونكىت ئۈرۈمچىنىڭ ئاتموسفېرا تەركىبى ۋە دانىچە ماددىلارنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى ئەمەلىي تەكشۈرۈپ ئۆلچەيدىكەن .
دۆلەت مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ئۈرۈمچى قۇملۇق مېتېئورولوگىيىسى تەتقىقات ئورنىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : ‹‹ بۇ پونكىت—شىنجاڭدا ھازىرغىچە قۇرۇلغان ئۈسكۈنىلەر ۋە تەكشۈرۈش – ئۆلچەش تۈرلىرى ئەڭ تولۇق بولغان ئاتموسفېرا تەركىبىنى تەكشۈرۈش – ئۆلچەش پونكىتى بولۇپ ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار بولغان شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ EPA ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتكەن تەكشۈرۈش – ئۆلچەش ئۈسكۈنىلىرىگە ئىگە . بۇ پونكىتنىڭ تەكشۈرۈش – ئۆلچەش تۈرلىرى ئىچىدە ، ھاۋا سۈپىتىنى تەكشۈرۈش – ئۆلچەش پونكىتىدىكى تۈرلەر بار بولۇپلا قالماي ، كاربون 4 ئوكسىدى ، كاربون چالا ئوكسىدى ۋە ھاۋادا لەيلەپ تۇرىدىغان چاڭ–توزان ، قۇرۇم ، تۇز دانىچىسى ، سۇ تامچىسى ، مۇز كىرىستالى ، گۈل چېڭى ، باكتېرىيە قاتارلىق قاتتىق جىسىملار ۋە سۇيۇق ھالەتتىكى كوللوئىدلارنى تەكشۈرۈپ ئۆلچىيەلەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، مېتېئورولوگىيىدىكى تېمپېراتۇرا ، نەملىك دەرىجىسى ، ئاتموسفېرا بېسىمى ، شامال سۈرئىتى ، شامال يۆنىلىشى قاتارلىق بەش تۈرلۈك پارامېتىرنى ئەمەلىي تەكشۈرۈپ ئۆلچەپ ، بۇ ئارقىلىق ، ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى مېتېئورولوگىيىلىك سەۋەپلەرنى تېپىپ چىقالايدۇ ›› .
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاتموسفېرا تەركىبىنى تەكشۈرۈش – ئۆلچەش پونكىتى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن ، ئۈرۈمچىنىڭ ئاتموسفېرا تەركىبى ۋە دانىچە ماددىلارنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى ئەمەلىي تەكشۈرۈش – ئۆلچەشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن . بۇ — ئۈرۈمچىنىڭ ئاتموسفېرا سۈپىتىنى تەكشۈرۈش – ئۆلچەش ۋە قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولغان تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئۈرۈمچىنىڭ ئاتموسفىرا مۇھىتى ۋە بۇلغىنىشىنى تەتقىق قىلىشنى ئىلمىي ۋە توغرا بولغان سانلىق ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدىكەن .
|