باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئاپتونوم رايونىمىزنى تەكشۈردى
2008- 10- 27 11:07 شىنجاڭ گېزىتى

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يۈ جېڭشېڭ، شەھەر باشلىقى خەن جېڭ باشچىلىقىدىكى شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئاپتونوم رايونىمىزنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى ۋە تەكشۈردى.

   ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى، ئاپتونوم رايون ۋە ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ رەھبەرلىرىدىن نيې ۋېيگو، خەن يۇڭ، بەي جىجيې قاتارلىقلار تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

   شاڭخەي پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش  –  قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىرى بىلەن ھەمكارلىق، ئالاقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى. ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئۈرۈمچىدە ۋە  ئاقسۇ ۋىلايىتىدە غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى ئاساسلىق گاز مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولغان يېڭىمەھەللە گازلىقى، ئونسۇ ناھىيىسى تۇمشۇق بازىرى تۆۋەنكى سىرىم كەنتى، شىنجاڭ گېئو قېزىلما بايلىقلار مۇزېيى، ‹‹جىنفېڭ›› پەن  –  تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى قاتارلىق سانائەت كان  –  كارخانىلىرى، دېھقانلار ئائىلىلىرى، قۇرۇلۇش نەق مەيدانلىرىغا بېرىپ تەكشۈردى؛ شاڭخەينىڭ ياردىمىدە  قۇرۇلۇۋاتقان يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى تۈرلىرى، شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش تەرەققىياتى  جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى؛  شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن 6 – تۈركۈمدىكى شاڭخەيلىك كادىرلارنى يوقلىدى؛ شاڭخەينىڭ ياردىمىدە قۇرۇلغان ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئانا  –  بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنى ئىشلىتىشكە باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

   شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاقسۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. يۈ جېڭشېڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكىلەرنىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى:‹‹ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش   مەركەز شاڭخەيگە تاپشۇرغان شەرەپلىك ۋەزىپە، بۇ شاڭخەينىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى شۇنداقلا شاڭخەينىڭ تەرەققىيات پۇرسىتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاقسۇ ۋىلايىتى راۋاجلىنىپ، ئۆزگىرىشى ناھايىتى تېز بولۇپتۇ، تەرەققىيات زاپاس كۈچىمۇ ناھايىتى چوڭ ئىكەن. بىز ئاقسۇ خەلقىنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش ئېڭى ۋە ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپ،  شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم، شىنجاڭ خەلقىنى رازى قىلىمىز››.

  نۇر بەكرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ۋاكالىتەن شاڭخەي خەلقىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىگە ياردەم بەرگەنلىكىگە ھەم ئۇنى قوللاپ كەلگەنلىكىگە سەمىمىي رەخمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹ ئاپتونوم رايون شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلارغا داۋاملىق ياخشى شارائىت ھازىرلاپ، ئۇلارنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرۇشىنى تېخىمۇ چوڭ سەھنە بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىز قوللاش ۋە غەمخورلۇقنى خىزمەتتە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىمىز؛ ياردەم مەبلىغى ۋە تۈر ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلارنىڭ ئەقلىي بايلىقىدىن پائال پايدىلىنىمىز. شاڭخەي بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى داۋاملىق قېزىپ، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق داۋامىدا ئورتاق  تەرەققىي قىلىپ، ھەمكارلىق، ئورتاق نەپ ئېلىش داۋامىدا ئورتاق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز››.

   24 – ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى بىلەن بىڭتۇەننىڭ سۆھبەت يىغىنىدا يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى:‹‹ئۇزاق مۇددەت تاۋلىنىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن ‹‹ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، خالىس تۆھپە قوشۇش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش›› تەك بىڭتۇەن روھى شاڭخەي خەلقىنىڭ ئۆگىنىشى، ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. شاڭخەي پۇل مۇئامىلە، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت، مائارىپ  جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ››.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ سىياسىي كومىسسارى نيې ۋېيگو بىڭتۇەن پارتكومى ۋە بىڭتۇەندىكى ئىككى مىليون 580 مىڭ كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىگە ۋاكالىتەن كۆپ يىللاردىن بۇيان بىڭتۇەن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە قوللاپ كەلگەن شاڭخەي خەلقىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. ئۇ بىڭتۇەننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ‹‹يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شاڭخەيلىك يۈز مىڭغا يېقىن زىيالىي ياش بىڭتۇەندىكى مىليون ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن تارىخىي خاراكتېرلىك تۆھپە قوشتى. بۇنىڭدىن كېيىن بىڭتۇەن بىلەن شاڭخەينىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن››.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ