باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ۋىلايەت–ئوبلاسىت خەۋەرلىرى
يېڭىسار ناھىيىسى پاختا ھايانكەشلىرىگە زەربە بەردى
2008- 10- 24 15:48 تەڭرىتاغ تورى

     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ساۋۇتجان ئابدۇرېھىم ، ئەسقەرجان تۇرسۇنلار خەۋەر قىلىدۇ : يېڭىسار ناھىيىلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى پاختا بازارلىرىغا بولغان باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ ، پاختا ھايانكەشلىرىگە زەربە بېرىپ ، ناھىيىدىكى دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىدى .

     يېڭسار ناھىيسىدە پاختا ھايانكەشلىرىگە زەربە بېرىش ھەركىتى سېنتەبر ئېيىدىن باشلانغان بولۇپ ، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار 23 – ئۆكتەبىرگىچە پاختا ھايانكەشلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 12 كىشىنىڭ دېھقانلارنى ئالداپ ، ئەرزان باھادا سېتىۋالغان 150 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى 80 توننا پاختىسىنى مۇسادىرە قىلدى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹پاختا بازارلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى›› بىلەن ‹‹پاختا ھايانكەشلىرىگە زەربە بېرىش نىزامى››نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىملىرىگە ئاساسەن ، بۇ ھايانكەشلەرگە 25 مىڭ 800 يۈەن جەرىمانە قويدى .

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ