|
بۇ يىل ئىيۇلدا، شىنجاڭغا كېلىپ پىدائىيلىق مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ليۇ خاۋ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، ‹‹سەپداشلار، ئورتاق ئارزۇ بىزنى غەربىي دىيارغا باشلاپ كەلدى، مىللەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش بىزنى ياشلىق باھارىمىزنى شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا تەقدىم ئېتىشكە ئۈندەيدۇ، دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، ئائىللەڭلارنىڭ ئامان – ئىسەن، ئىشلىرىڭلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك، ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمىز›› دېگەن قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋېلىپ چەكسىز شادلاندى.
بۇ قىسقا ئۇچۇر—‹‹ستۇدېنت پىدائىيلار غەربىي رايونغا مۇلازىمەت قىلىش پىلانى ئاپتونوم رايون تۈرى ئىشخانىسى›› نىڭ تور قىسقا ئۇچۇر سۇپىسىدىن تارقىتىلغان بولۇپ، ليۇ خاۋدىن باشقا، يەنە 2007 – يىلىدىن بۇيان شىنجاڭغا كەلگەن 1000 دىن كۆپرەك ستۇدېنت پىدائىي بۇنداق ھال سوراش ۋە بەخىت تىلەش مەزمۇنىدىكى قىسقا ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالغان. غەربىي رايون پىلانى ئاپتونوم رايون تۈر ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ يۈچېڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىسقا ئۇچۇر سۇپىسى ئارقىلىق، ئۇلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ستودېنت پىدائىيلار بىلەن ئالاقە ۋە مۇلازىمەت لىنىيىسى ئورناتقان. بۇ ئاپتونوم رايونىمىز پائال قۇرۇۋاتقان ستۇدېنت پىدائىيلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش سۇپىسىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى ھېسابلىنىدۇ.
2003 – يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ستۇدېنت پىدائىيلارنىڭ غەربىي رايونغا مۇلازىمەت قىلىش پىلانىنى باشقۇرۇش، مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۈر ئىشخانىسى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ناھىيە دەرىجىلىك تۈر ئىشخانىسى بىلەن ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، پىدائىيلار ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرىدىغان ئۈچ دەرىجىلىك باشقۇرۇش رامكىسىنى تەدرىجى ئورناتتى ھەمدە ‹‹شىنجاڭ ستۇدېنت پىدائىيلارنى غەربىي رايونغا مۇلازىمەت قىلىش پىلانى بويىچە باشقۇرۇش مۇلازىمەت قوللانمىسى››، ‹‹غەربىي رايونغا مۇلازىمەت قىلىش پىلانى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن ستۇدېنت پىدائىيلار خىزمىتى قوللانمىسى›› نى تۈزدى، ‹‹كىم ئىشلەتسە، شۇ مەنپەئەتلىنىش، شۇ مەسئۇل بولۇش›› پرىنپىسى بويىچە، ئادەمنى ئاساس قىلىپ، كۆپ خىل مۇلازىمەت تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، غەربىي رايونغا مۇلازىمەت قىلىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن پىدائىيلارنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆسۈپ يېتىلىپ ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.
نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز 12 ۋىلايەت، ئوبلاستتا ستۇدېنت پىدائىيلارنىڭ غەربىي رايونغا مۇلازىمەت قىلىش پىلانى تۈرى يولغا قويۇلىدىغان 16 ناھىيىنى بېكىتتى، جايلاردىكى تۈر ئىشخانىلىرى ستۇدېنت پىدائىيلار بىلەن ‹‹بىخەتەرلىك ساغلاملىق مەسئۇلىيەتنامىسى››نى ئىمزالاپ، پىدائىيلارنى ھەقسىز ياتاق ۋە تۇرمۇشقا كېرەكلىك بۇيۇملار بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە بەلگىلىك دەرىجىدە تۇرمۇش تولۇقلىما ياردەم بەردى. ھېيت – بايرام كۈنلىرىدە، ئۇلاردىن ھال سورىدى، ‹‹پىدائىيلار ئائىلىسى›› بىرلەشمە دوستلۇق كۇلۇبى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار پائالىيەتلەرنى قەرەللىك ھالدا تەشكىللەپ، پىدائىيلارنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيتتى. تۈر يولغا قويۇلغان بەزى ناھىيىلەر يەنە پىدائىيلار ئۈچۈن جىسمانىي جەھەتتە كۈتۈلمىگەندە زەخمىلىنىش ۋە تاسادىپىي زەخمىلەنگەندە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىجىردى. ئىگىلىنىشىچە، مۇلازىمەت ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خادىم قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدا قېلىپ داۋاملىق ياشلىق باھارىنى تەقدىم ئېتىۋاتقان غەربىي رايونغا مۇلازىمەت قىلىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن ستۇدېنت پىدائىي 700 دىن ئاشقان.
|