|
نىلقا ناھىيىسىنىڭ نىلقا بازىرى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ نىكاھ، پىلانلىق تۇغۇت ئېڭىنى ئۆستۈردى.
بۇ بازار پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى بويىچە نىشانلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيەتنامىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتتى. 11 قارار كۇرس ئېچىپ پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرىنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى›› بويىچە تەربىيىلىدى. تۇغۇت يېشىدىكى 6647 ئايالنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى پىلانلىق، سۈپەتلىك پەرزەنت كۆرۈشكە يېتەكلىدى. پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئەمەل قىلغان ئائىلىلەر ئىچىدىكى ئۈلگىلەرنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇلار ئارقىلىق باشقىلارنى يېتەكلىدى. بۇنىڭ بىلەن نىشانلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيەتنامىسىدىكى كۆرسەتكۈچلەر %100 ئورۇندالدى، 1058 ئەر – ئايال پىلانلىق پەرزەنت كۆرۈش گۇۋاھنامىسى ئالدى، 61 ئائىلىنىڭ ھەر بىرى ‹‹ئاز تۇغۇپ، تېز بېيىش›› تۈرى بويىچە 3000 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى.
|