باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ۋىلايەت–ئوبلاسىت خەۋەرلىرى
قۇمۇلدا ساختا قوشۇلما قىممەت بېجى تالونى كېسىش دېلوسى پاش قىلىندى
2008- 10- 24 11:50 شىنجاڭ گېزىتى

   يېقىندا قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى ج خ ۋە باج تارماقلىرىدىكى خادىملار بىرلىكتە، 30 مىليون يۈەن قىممىتىدە ساختا قوشۇلما قىممەت بېجى تالونى كېسىش دېلوسىنى پاش قىلىپ، تۆت جىنايەت گۇماندارىنى قانۇن بويىچە ئەيىبلەشكە يوللىدى.

   ۋىلايەتلىك دۆلەت باج ئىدارىسىدىكىلەر بۇ يىل 4  – ئايدا، قۇمۇل شەھەرلىك ‹‹چۇاڭيۈ›› سودا شىركىتى بىلەن قۇمۇل شەھەرلىك ‹‹يۈخاڭ›› كېرەكسىز بۇيۇملارنى يىغىۋېلىش شىركىتىدە مەسىلە بارلىقى توغرىسىدا ئىنكاسنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈش  ئارقىلىق بۇ ئىككى شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئاددىي، كۆلىمىنىڭ كىچىكلىكىنى، لېكىن باج تالونلىرىدىكى كىرىم – چىقىم نىسبىتىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى. ج خ ۋە باج تارماقلىرى دەرھال بۇ ئىككى شىركەتنىڭ ھېساباتىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي مال سودىسى قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، كېرەكسىز بۇيۇملارنى سېتىۋېلىش ساختا تالونى ۋە ساختا قوشۇلما قىممەت بېجى تالونى كېسىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، چېتىشلىق سوممىنىڭ 30 مىليون يۈەنگە، ئوغرىلىغان باج سوممىسىنىڭ 3 مىليون يۈەنگە يېتىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى. بۇنىڭ بىلەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر خېبىي، بېيجىڭ، سەنشى، جېجياڭ قاتارلىق يەتتە ئۆلكە، شەھەردىكى 30 غا يېقىن كارخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ ئىسپات ئالدى. نەتىجىدە، بۇ ئىككى شىركەتنىڭ قانۇنى ئىگىلىرى ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، ئىچكىرىدىكى 29 كارخانىغا 277 پارچە ساختا قوشۇلما قىممەت بېجى تالونى كېسىپ بەرگەنلىكى، باج سوممىسىنىڭ 29 مىليون 848 مىڭ 800 يۈەنگە يېتىدىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق دۆلەتكە 4 مىليون 337 مىڭ يۈەن زىيان سالغانلىقى ئېنىقلاندى.

   جىنايەت گۇماندارى ۋاڭ چېڭجيۇ ئوغلى ۋاڭ مىڭ بىلەن قۇمۇلدا بۇ ئىككى شىركەتنى قۇرغان ۋە شىركەتنى ئاتا – بالا نامىدا تىزىمغا ئالدۇرغان. ۋاڭ چېڭجيۇنىڭ ئىقرار قىلىشىچە، كېرەكسىز بۇيۇملارنى يىغىۋېلىش كارخانىسىدىن باج ئېلىنمىغاچقا، پىششىقلاش كارخانىلىرىغا سېتىش تالونى چىقىرىپ بېرىپ، تۆت ئايدا 300 مىڭ يۈەن ھارام پايدا تاپقان. ئۇ باج تارماقلىرىدىن كۆپرەك تالون ئېلىش ئۈچۈن، ئىچكىرىدىكى شېرىكلىرى بىلەن ساختا توختام ئويدۇرۇپ، باج تارماقلىرىدىن قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. ۋاڭ چېڭجيۇ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، شىركىتىنىڭ نامىنى ئىچكىرىدىكى يۇرتدىشىنىڭ نامىغا ئۆزگەرتكەن، ئۇ يەنە ساختىلىقنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئاز مىقداردا كېرەكسىز ئاليۇمىن ۋە سۇلياۋ پىششىقلاپ ئىشلىگەن. شۇنداق قىلىپ ھېچقانداق مال سودىسى قىلمىغان بۇ شىركەت كېسىپ بەرگەن ئاليۇمىن ئۇرچۇقى قوشۇلما قىممەت بېجى تالونلىرى ئىچكى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئورۇنلار ساختا قوشۇلما قىممەت بېجى تالونى ئارقىلىق ئېلىپ، يەرلىك باج ئورۇنلىرىغا باج تاپشۇرۇشتا ئېتىبارغا ئېرىشكەن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ