|
مەملىكەتلىك ئەرلەرنىڭ چامباشلىق، ئەركىن مۇشتلىشىش چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى 16 – ئۆكتەبىر ئاخىرلاشتى. شۇ كۈنى كەچتە ئۈرۈمچى ‹‹قىزىلتاغ›› تەنتەربىيە سارىيىدا 11 دەرىجە بويىچە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى. ئەپسۇس، شىنجاڭلىق بىرمۇ ماھىر مۇكاپات سۇپىسىغا چىقالمىدى.
مەملىكەتلىك ئەرلەرنىڭ چامباشلىق، ئەركىن مۇشتلىشىش چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى 10 – ئۆكتەبىر رەسمىي باشلانغان بولۇپ، ئېلىمىزدىكى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ئاپتونوم رايونلاردىن كەلگەن 54 ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 350 نەچچە ماھىرى كەسكىن مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقە 48 كىلوگراملىقلاردىن تارتىپ 90 كىلوگرامدىن يۇقىرىلارغىچە بولۇپ 11 دەرىجىگە ئايرىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىدىكى مەسئۇل كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك، ئەڭ زور كۆلەملىك چامباشلىق، ئەركىن مۇشتلىشىش مۇسابىقىسى بولۇپ، ماھىرلارنىڭ ھەممىسى مەملىكەت ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك ماھىرلار ئىكەن.
ئاپتونوم رايونىمىز 13 كىشىدىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر كوماندىسىنى بۇ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان بولسىمۇ، بىراق ھېچقايسىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلمىدى. ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭنىڭ ئەركىن مۇشتلىشىش كوماندىسى 2003 – يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، باشقا ئۆلكىلەرگە قارىغاندا باشلىنىشى كېيىنرەك بولغان، ئىككى يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئەركىن مۇشتلىشىش كوماندىسى مەۋقەنى ئۆز قۇرۇلۇشىغا قويۇش بىلەن بىللە، جياڭسۇ قاتارلىق چامباشلىق، ئەركىن مۇشتلىشىش سەۋىيىسى يۇقىرى ئۆلكىلەر بىلەن ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئىقتىدارىنى تەدرىجىي ئۆستۈرگەن.
يۇقىرى سەۋىيىلىك ماھىرلار بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ ئۆزىلا ئىنتايىن ياخشى ئۆگىنىش، شىنجاڭلىق ماھىرلارغا نىسبەتەن بۇنداق پۇرسەت ئىنتايىن ئاز. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئارقىلىق، ئۆزىمىزدىكى ئاجىزلىقلارنى بايقىدۇق، شۇنداقلا مەملىكەت دەرىجىلىك چامباشلىق، ئەركىن مۇشتلىشىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبىگە ئىگە بولدۇق. بۇنىڭدىن تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، كېلەر يىللىق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق كۆرىمىز، – دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى چېلىشىش، جۇدو چېلىشىشنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ليۇ دىشياڭ.
|