باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى
شىنجاڭ ئاياللار قول توپ كوماندىسى مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى
2008- 10- 24 11:15 شىنجاڭ گېزىتى

     ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 13 – ئۆكتەبىر شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېيخەي شەھىرىدە ئاياغلاشقان مەملىكەتلىك ئاياللار قول توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ئاياللار قول توپ كوماندىسى تۇنجى قېتىم سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەن، بۇ شىنجاڭ ئاياللار قول توپ كوماندىسىنىڭ مەملىكەتلىك چوڭ مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشى ھېسابلىنىدىكەن.

   مەملىكەتلىك ئاياللار قول توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى مەملىكەت بويىچە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئاياللار قول توپ مۇسابىقىسى بولۇپ، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى قول توپ، كالتەك توپ، چۇماق توپ، قورغان توپ تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان. 7 – ئۆكتەبىردىن 13 – ئۆكتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 200 دىن ئارتۇق ئايال قول توپ ماھىرى كەسكىن ئېلىشتى. شىنجاڭ ئاياللار قول توپ كوماندىسىدىكى ماھىرلار دەسلىپىدە تازا ياخشى ئوينىيالمىغان بولسىمۇ، لېكىن گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ، بېيجىڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا ئوڭۇشلۇق كىردى. شىنجاڭ ئاياللار قول توپ كوماندىسى شۇ سەۋەبتىن مۇسابىقە رايونى بويىچە ئەڭ تېز ئىلگىرىلىگەن كوماندا دېگەن نامغا ئېرىشتى ھەم شەندۇڭ كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە ‹‹تەنھەرىكەت ئەخلاقى›› مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ