باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى
روگگې 2010–يىلى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئا ت م گە قاتنىشىمەن، دېدى
2008- 10- 24 11:06 شىنجاڭ گېزىتى

   گۇاڭجۇ ئا ت م (ئاسىيا تەنھەرىكەت  مۇسابىقىسى) تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 18 – ئۆكتەبىر ھىندونېزىيىنىڭ بالى ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا قۇملۇق ساھىلى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، مۇراسىمغا مېھمان سۈپىتىدە قاتناشقان خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى روگگې 2010 – يىلى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئا ت م گە قاتنىشىمەن، دېگەن.

   روگگې ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى، شاھزادە ئەھمەد فاھىد ساباخنىڭ ھەمراھلىقىدا ‹‹ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزالار كۆرگەزمىسى››نى ئېكسكۇرسىيە قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ‹‹2010 – يىلى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئا ت م نىڭ تەشۋىقاتى›› كۆپچىلىكنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان. گۇاڭجۇ ئا ت م تەشكىلىي كومىتېتى جەنۇبىي جۇڭگو ئۇسلۇبىدىكى چاۋجۇ مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن سىرت، ھىندونېزىيىنىڭ خەلق ناخشىلىرىنىمۇ ئورۇنلاپ، ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشىنى قوزغىغان.

   روگگې: گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئا ت م مۇسابىقە تەنھەرىكىتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە بولۇپلا قالماستىن، ئاسىيادىكى دۆلەت ۋە رايونلارنى مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە ئۆزئارا چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدىغان سۇپا، دېدى ھەم 2010 – يىلى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئا ت م گە قاتنىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. 

   ئاسىيا قۇملۇق ساھىلى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشى يېڭىدىن تەسىس قىلغان ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولۇپ، ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ مۇسابىقە ھازىر ئا ت م، ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەم ئاسىيا زال ئىچى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن قوشۇلۇپ ئاسىيادىكى تۆت چوڭ ئۇنىۋېرسال مۇسابىقىگە ئايلاندى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ