|
مۇخبىرنىڭ 22 – ئۆكتەبىر چاقىرىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كىچىك تىپتىكى مېتاللۇرگىيە كارخانىلىرىنى مەخسۇس تۈر بويىچە ئېنىقلاش، تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز كىچىك تىپتىكى مېتاللۇرگىيە كارخانىلىرىنى مەخسۇس تۈر بويىچە ئېنىقلاش، تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن، ئاپتونوم رايون بويىچە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە 121 كىچىك تىپتىكى مېتاللۇرگىيە كارخانىسى ئېنىقلاپ چىقىلغان، نۆۋەتتە، 65 كارخانا تاقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە 30 كارخانىنىڭ ئۈسكۈنىسى چۇۋۇۋېتىلگەن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىمىغان كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنى تاقاش، ئىشتىن توختىتىش، ئۆزگەرتىش پىلانىنى تۈزۈپ بولغان.
كىچىك تىپتىكى مېتاللۇرگىيە كارخانىلىرىنىڭ بايلىقنى ئىگىلىۋېلىش، ئېنېرگىيە ئىسراپچىلىقى، مۇھىت بۇلغاش قاتارلىق مەسىلىلىرىگە قارىتا، ئاپتونوم رايون بۇ يىل ئىيۇلدا كىچىك تىپتىكى مېتاللۇرگىيە كارخانىلىرىنى مەخسۇس تۈر بويىچە ئېنىقلاش، تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى باشلىدى، ئەستايىدىل تەكشۈرۈش، ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تىزىملىكنى سېلىشتۇرۇش، پەرقنى ئايرىش، تارماقلار بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش قاتارلىق بىر نەچچە باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، نۆۋەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: نۆۋەتتە بىر قىسىم كىچىك تىپتىكى مېتاللۇرگىيە كارخانىلىرى خام ماتېرىياللار باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى ۋە پولات ماتېرىياللىرى باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى قاتارلىق بازار ئامىلى تۈپەيلى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلدى، لېكىن ھەقىقىي مەنىدىن توختىتىلمىدى، بازار يول قويسا، ئىشلەپچىقىرىشنى يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ، شۇڭا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، سېلىشتۇرۇش باشقۇرۇش تارماقلىرى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ كەسىپ سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، يېڭى مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك، تاقالغان كىچىك تىپتىكى مېتاللۇرگىيە كارخانىلىرىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى ۋاقتىدا چۇۋۇۋېتىپ، قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. جايلار چوڭ كارخانىلار، چوڭ گۇرۇھلارنى ئۆز تەننەرخى، تېخنىكىسى، مۇھىت ئاسراش، ئېنېرگىيە تېجەش، كەسىپ زەنجىرى ئۇزۇن بولۇش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك مېتاللۇرگىيە كارخانىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مېتاللۇرگىيە كەسىپىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلىشى كېرەك، ئاپتونوم رايون مالىيىدىن يانداشما مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجرىتىپ، جايلارنىڭ مەخسۇس تۈر بويىچە ئېنىقلاش، تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ.
|