|
يېقىندا، تۇرپان شەھىرى ئايدىڭكۆل يېزىسىنىڭ گەندەي كەنتىدە دېھقانلار كىتاپخانىسى رەسمىي قۇرۇلدى. بۇ شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. ئۇلار بەس – بەستە بۇ يەرگە كېلىپ كىتاپ ئوقۇدى ۋە كىتاپلارنى ئارىيەتكە ئالدى. كەنت ئاھالىسى جاۋ چىڭلى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:‹‹مەن ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم دېھقانلار كىتاپخانىسىغا كېلىپ، پەن – تېخنىكا، باقمىچىلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى ساۋاتلارنى ئوقۇيمەن يەنە تېخى كىتاپتىن ئۈزۈملەردىكى كېسەللىك ھاشارەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە جاۋاپ ئىزدەيمەن. بۇ يەردە بىزنىڭ كىتاپلارنى ئارىيەتكە ئېلىپ كېتىپ ئۆيدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىشىمىزغا روخسەت قىلىنىدۇ.››
كەنت ياچىيكا شۇجىسى جاڭ پېيفىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:‹‹دېھقانلار كىتاپخانىسىدىكى كىتاپلار دېھقانلارغا ھەقىقەتەن پايدىلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كىتاپخانىدا ئادەم ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. ئاپتونوم رايون بىزگە 2000 دىن كۆپرەك كىتاپنى ئىئانە قىلدى. دېھقانلار باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق شۇنداقلا يېزىلاردىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئائىلىلىرىنىڭ تۇرمۇش ساۋاتلىرىغا ئائىت مەزمۇنلارنى بەكرەك ياقتۇرىدۇ. دېھقانلار بىكار ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىگە پايدىلىق مەزمۇنلارنى ئۆگىنىپ كېتىدۇ. ئۇلار مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تېخىمۇ بېيىتتى.››
‹‹شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى›› دېھقان – چارۋىچىلارنى كىتاپ – ژۇرناللار بىلەن ھەقسىز تەمىنلىگەن ئاساستا، دۆلەت يەنە تولۇقلىما بېرىش، يېتەكلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق جەمئىيەت ۋە دېھقانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كىتاپخانا قۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، دېھقانلارنىڭ تۈرلۈك يوللار بىلەن كىتاپ ئوقۇشى ۋە ياخشى كىتاپلارنى ئوقۇشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى. جايلار ھازىر بار بولغان يېزا – كەنت مەدەنىيەت ئىشخانىلىرى، مەدەنىيەتلىك ئائىلىلەرگە تايىنىپ، دېھقانلار ئۆزلىرى قۇرۇش، پىنسىيگە چىققان يېزا كەنت كادىرلار، ئوقۇتقۇچىلار باشقۇرۇشتەك ئۇسۇللىنى قوللىنىپ، دېھقانلار كىتاپخانىسىدىن 150 نى قۇردى ھەمدە 100 مىڭ ئىئانە كىتاپىغا ئېرىشتى.
2008 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانلار كىتاپخانىسىدىن 1000 نى قۇرۇش ۋەزىپىسى بار. مەركەز مالىيىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانلار كىتاپخانىسى قۇرۇلۇشىغا 16 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجىرىتىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات نەشىرىيات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ شىنتەي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:‹‹ئاپتونوم رايون يۈرۈشلەشكەن مەبلەغدىن 4 مىليون يۈەن ئاجىرىتىپ، دېھقانلار كىتاپخانا قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يۈرۈشلەشكەن مەبلەغ ئاجىرىتىشىغا ئەگىشىپ، بىز زور تەرەققىياتقا ئېرىشىمىز. بىز ئۈچ يىل ئىچىدە، بۇ قۇرۇلۇشنى ھەر بىر كەنتكىچە قاپلاتماقچى بولىۋاتىمىز. دېمەك، ئاز دېگەندىمۇ 10 مىڭ دېھقانلار كىتاپخانىسى قۇرۇلىدۇ.››
|