باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
شىنجاڭ جىخۇا 7555 كەسپىي كىيىم – كېچەك چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
2008- 10- 23 12:33 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      شىنجاڭ جىخۇا 7555 كەسپىي كىيىم – كېچەك چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى 22 – ئۆكتەبىر چۈشتىن ئىلگىرى سانچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى مۇراسىمغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

     شىنجاڭ جىخۇا 7555 كەسپىي كىيىم – كېچەك چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېخنىكا ئۆزگەرتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ نەچچە مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئامېرىكا، شىۋىتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىنى كىرگۈزۈپ، بۇلتۇر سېتىش كىرىمىنى 80 مىليون 830 مىڭ يۈەنگە، پايدىنى 3 مىليون 90 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى، مۆلچەرلىنشىچە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىلىرىدا سېتىش كىرىمى 120 مىليون يۈەنگە، پايدا 10 مبليون يۈەنگە يىتىدىكەن.

     ئەركىن ئىمىرباقى شىركەتتىكى بارلىق خادىملارنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى كىيىم – كېچەك كەسپى ۋە بازارغا قارىتىپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر قايسى كەسپلىرىنىڭ بەرداشلىق بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كىيىم – كېچەك بازارلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئېچىپ، كەسپىي كىيىم – كېچەكتە داڭلىق ماركا يارىتىپ، شىركەتنى غەربىي شىمالدىكى ئەڭ چوڭ كەسپى كىيىم – كېچەك ئىشلەپچىقىرىش، تەتقىق قىلىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار ۋە چەت، يىراق رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ۋە ئۇلارنى نامراتلىقتىن  قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئىجابىي تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ