باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ۋىلايەت–ئوبلاسىت خەۋەرلىرى
ئاقچى ناھىيىسىدە ئايال كادىرلارنى تەربىيىلەش سالمىقى ئاشۇرۇلدى
2008- 10- 23 11:33 شىنجاڭ گېزىتى

     ئاقچى ناھىيىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئايال كادىرلارنى تاللاش، تەربىيىلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئايال كادىرلارنى يېزا – بازار ۋە ناھىيىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىگە قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى.

     بۇ ناھىيە ئاۋۋال ئايال كادىرلار ئىختىساسلىقلار ئامبىرى قۇرۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر تەربىيىلەش، بالدۇر ئۆستۈرۈشنى ئىشقا  ئاشۇردى. 300 دىن ئارتۇق ئايال كادىرنى ئۆز ئورنىدا تەربىيىلىدى، 70 تىن ئارتۇق ئايال كادىرنى سىرتلارغا ئېكسكۇرسىيە، تەكشۈرۈش، ئۆگىنىشكە، 180 دىن ئارتۇق ئايال كادىرنى ئاپتونوم رايون، ئوبلاستا ئېچىلغان تەربىيىلەش كۇرسلىرىغا ئەۋەتتى. شەرت ھازىرلانغان ئايال كادىرلارنى جاپالىق ئورۇنلارغا قويۇپ، چېنىقتۇردى. يېقىندا ئىككى ئايال كادىر ناھىيىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسىگە كىرگۈزۈلدى، 28 ئايال كادىر ئىدارە، كومىتېت، ئىشخانىلارنىڭ 1 – قول رەھبەرلىكىگە ئۆستۈرۈلدى. ھازىر ناھىيە بويىچە مۇئاۋىن بۆلۈم دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئايال كادىر 65 كە يەتتى.     

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ