باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ۋىلايەت–ئوبلاسىت خەۋەرلىرى
ئىلىلىقلار ئورمانلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى
2008- 10- 22 13:04 شىنجاڭ گېزىتى

    ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردا ئورمانلاردا توخۇ، غاز بېقىش، زىرائەت، ئوت – چۆپ كىرىشتۈرۈپ تېرىش ئەندىزىسى تۇرغۇزۇلۇپ، ئورمانلاردىن قوش ئۈنۈم يارىتىلدى.

   ئىلى ئوبلاستىنىڭ تۈزلەڭ ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىكى ئىش ئورنىدىن قالغان چىڭ جيەنخۇا بۇ يىل ھۆددە ئالغان 300 مو ئورمانلىق ئارىسىغا پۇرچاق تېرىپ، توخۇ باقتى. ئۇ باققان 2000 توخۇنى يېقىندا قورغاس چېگرا پورتىدىكى سودىگەرلەر تالىشىپ سېتىۋالدى ھەم 3000 توخۇ زاكاز قىلدى، ئورمان ئارىسىغا تېرىغان پۇرچاقتىنمۇ ئوبدان كىرىم قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئورمانلاردا توخۇ، ئۆردەك باقسا، تەننەرخنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. چۈنكى ئورمان توخۇ، ئۆردەك ماياقلىرى بىلەن ئوغۇتلانغاندىن باشقا، توخۇ، ئۆردەك ئارقىلىق زىيانداش ھاشاراتلارمۇ يوقاتقىلى بولىدىكەن.

  تۈزلەڭ ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ تېز ئۆسىدىغان ئورمانلىقىنى كۆتۈرە ئالغان دېھقانلار ئورمان ئارىسىغا دەسلەپتە تاۋۇز، ئاندىن پۇرچاق تېرىپ، توخۇ، ئۆردەك باقتى. بۇ يىل ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن تېز ئۆسىدىغان ئورمان 200 مىڭ موغا يېتىپ، دېھقانلار قوش پايدىلانغان ئورمان 400 مىڭ مودىن ئاشتى. كۈنەس ناھىيىسى بۇ يىل 35 مىڭ مو ئورمان ئارىسىغا ئوت – چۆپ تېرىپ، چارۋا ماللارنىڭ قىش پەسىللىك ئوت – چۆپ مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ