باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ۋىلايەت–ئوبلاسىت خەۋەرلىرى
تېكەس ناھىيىسىدە مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تاۋارلار كوچىسى بارلىققا كەلدى
2008- 10- 22 12:59 شىنجاڭ گېزىتى

    تېكەس ناھىيىسى بۇ يىل 1 مىليون 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ناھىيە بازىرىنىڭ 2  –  ئايلانما يولىدىكى ‹‹قاراڭغۇ بازار›› كوچىسىنى مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تاۋارلار  كوچىسى قىلىپ ئۆزگەرتتى.

   تېكەس ناھىيىسى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ‹‹ساياھەتچىلىكتە داڭلىق ناھىيە قۇرۇش›› ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇپ، ناھىيىدە تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيەت كوچىسى، مىللىي ئۆرپ – ئادەت كوچىسى، ساياھەت، يېمەك – ئىچمەك كوچىسى ۋە مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تاۋارلار كوچىسىدىن ئىبارەت ‹‹بەش كوچا رايونى›› قۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆت كوچىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تاماملىغانىدى. يېقىندا، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئاخىرقى بىر تۈرى بولغان مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تاۋارلار كوچىسى قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلدى. جەمئىي 1 مىليون 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بۇ كوچىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت تىجارەتچىلىرى مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە  تاۋارلار سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ