باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنى ئاشۇرۇشنى قارار قىلدى
2008- 10- 22 12:24 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     ئاپتونوم رايونىمىز سۇ بايلىقى قىس بولۇشىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئۈچ يىلغىچە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەش ۋىلايەت، ئوبلاستتا يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارىنى يېڭىدىن 1 مىليارد كۇب مېتىر ئاشۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى قارار قىلدى.

     جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەش ۋىلايەت، ئوبلاستتا سۇ بايلىقىنىڭ جايلىشىشى تەكشىسىز، پەسىل خاراكتېرى گەۋدىلىك بولۇپ، شۇ جاينىڭ ئۆزگىچە يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق، تۇپراق قاتارلىق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بايلىقىنى تولۇق قېزىش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى ئېغىر دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچرىتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاستا، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىنىڭ قىيىن بولۇشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالدى. 2008 – يىلىدىن 2010 – يىلىغىچە ئۈچ يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەش ۋىلايەت، ئوبلاستتا يۈرۈشلەشكەن ماشىنىلاشقان قۇدۇقتىن 5618 نى، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش قۇدۇقىدىن 263 نى يېڭىدىن قېزىپ، يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارىنى يېڭىدىن بىر مىليارد 12 مىليون كۇب مېتىر ئاشۇرىدۇ.

     ئىلمىي قىدىرىپ تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە ۋە قىياس قىلىنىشىچە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يەر ئاستى سۇ بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، يەر ئاستى بايلىقىدىن مۇۋاپىق پىلانلىق پايدىلىنىشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور ئىكەن.

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ