|
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مارالبېشى ناھىيىسىگە ئاپتونوم رايونلۇق پاختا – چىگە شىركىتىنىڭ پاختا – چىگە پونكىتى، بىڭتۇەن پاختا – چىگە شىركىتىنىڭ پاختا – چىگە پونكىتى ماكانلىشىپ، مارالبېشىنىڭ پاختا ئوبوروت زەنجىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، قەشقەرنىڭ شەرقىدىكى ئاساسلىق ئورنىنى گەۋدىلەندۈردى.
ئاپتونوم رايونلۇق پاختا – چىگە شىركىتىنىڭ مارالبېشى پونكىتى 1999 – يىلى تىجارەت باشلىغان شىنجاڭ پاختىچىلىق گۇرۇھى قارىمىقىدىكى بەش ئوبوروت ۋاسىتىچىلىك ئورنىنىڭ بىرى بولۇپ، 623 مو كۆلەمگە، يېپىق شەكىللىك يەتتە پاختا ئىسكىلاتىغا، مۇكەممەل ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈسكۈنىسىگە، 2.7 كىلومېتىر مەخسۇس تۆمۈريول لىنىيىسىگە، 48 ۋاگونلۇق پويىزنى توختىتىپ يۈك قاچىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە. ھازىر، بۇ پونكىتنىڭ يىللىق پاختا ئوبوروت مىقدارى 300 مىڭ توننىغا يېتىدۇ. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئون پاختىچىلىق ناھىيىسى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى بىر قىسىم تۈەن – مەيدان پاختىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ پونكىتتىن پويىزغا قاچىلىنىپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا توشۇلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پاختا – چىگە شىركىتى مارالبېشى پونكىتىنىڭ يېقىن ئەتراپىغا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پاختا ساقلاش – توشۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ پاختا – چىگە پونكىتى ماكانلاشقان بولۇپ، بۇلتۇر كۈزدىن بۇيان، بۇ پونكىت ئوبوروت قىلغان پاختا 150 مىڭ توننىغا يەتتى، يېزا ئىگىلىك 3 – شىسىنىڭ پاختىسىدىن باشقا، يېزا ئىگىلىك 14 – شىسىنىڭ پاختىلىرىمۇ مۇشۇ پونكىتتىن پويىزغا قاچىلىنىۋاتىدۇ.
|