|
ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار تۆت قارارلىق ‹‹ئۈچ شىمال›› ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىغا 60 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 1 مىليون 760 مىڭ مو ئورمان بەرپا قىلىپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %10 كە يەتكۈزدى.
ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلارنىڭ ‹‹ئۈچ شىمال›› ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىدا ئېتىز – ئېرىق ئورمىنى 440 مىڭ موغا، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %90 كە يېتىپ، 6 مىليون مو ئېتىز – ئېرىق قوغدالدى. كۈنەس ناھىيىسى تۆت قارارلىق ‹‹ئۈچ شىمال›› ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىدا ئۇنىۋېرسال ئورمان سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى ھەم قۇرۇلۇش داۋامىدا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش، كۆتۈرە بېرىش، پاي قوشۇش، بىرلەشمە تىجارەت قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئورمان بازىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، خۇسۇسىي ئورمانچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى. تاغنى قورشاپ ئورمان بەرپا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى ئاشۇردى ھەم نۇرغۇن دېھقانلارنى ماتېرىيال ئورمان بازىسى ئارقىلىق نەپكە ئىگە قىلدى.
|