|
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرغۇنجان ئىمىن ، سېلىمىگۈل ئوسمانلار خەۋىرى، فوتوسى : مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ چارىباغ يېزا ئالتەمەھەللە كەنتىدىكى دېھقانلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ‹‹پىسەن›› قوغۇنىنى تېرىپ ، ئوبدان ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. ھازىر ‹‹ پىسەن››ماركىلىق قوغۇن بۇ كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى كوزۇر مەھسۇلاتقا ئايلاندى. ئالتەمەھەللە كەنتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا يارىشا تەڭشىدى . كەنتتە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قوغۇن تېرىپ ، كىرىمىنى ئاشۇرىۋاتقان كەسپىي ئائىلىلەرنىڭ كۆپلۈكى ، كەنت تۇپرىقنىڭ قوغۇن تېرىشا تازا باپ كېلىدىغانلىقىدەك ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ ، دېھقانلارنى قوغۇن تېرىشقا يېتەكلەپ ، ناھىيە ، يېزىدىن تېخنىك خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ ، دېھقانلارنى يېتەكلىگەندىن باشقا ، قوغۇنچىلىق كەسپىي ئائىلىلىرىنى تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەش ، ماسلاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى. نەتىجىدە ، بۇ كەنتتىكى 18ئائىلىلىك دېھقان بۇ يىل170مو يەرگە‹‹ پىستە›› قوغۇنى تېرىپ ، ناھىيە ، يېزا ۋە كەسپىي ئائىلىلەرنىڭ تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلىشى نەتىجىسدە قوغۇندىن ئوبدان ھوسۇل ئالدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسى دېھقانلارنىڭ قوغۇننى سېتىپ چىقىرىش جەھەتتىكى باش قېتىمچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كەنت كادىرلىرى ، قوغۇنچىلىق كەسپىي ئائىلىلىرى بولۇپ ، يەتتە كىشىدىن تەركىپ تاپقان ‹‹ قوغۇن سېتىش جەمئىيىتى›› قۇرۇپ ، بىر تەرەپتىن سىرىتلارغا بېرىپ ، بازار ئۇچۇرىنى ئىگىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ، قوشنا ناھىيە ، ۋىلايەت ۋە تۈەن مەيدانلاردىن خېرىدار ئىزدىدى . قوغۇن باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ، قوغۇن خېرىدارلىرى كىمنىڭكىنى سېتىۋالسا ، باھادا ئاشكارا بولۇش پىرىنسىپىنى قوللىنىش ئارقىلىق دېھقانلار مەنپەئەتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالدى . نەتىجىدە 18ئائىلىلىك دېھقان 10-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە 20مىڭ يۈەنلىك قوغۇن سېتىپ چىقارغاندىن باشقا ، 20مىڭدىن ئارتۇق ‹‹ پىسەن قوغۇنى›› نى ئاپتاپقا قاقلاپ ، ئۆلچەملىك ياسالغان گەمىگە سېلىپ ، بۇ يىل كۈزدىن كېلەر يىلى ئەتىيازغىچە سېتىپ چىقىرىشنى پىلانلىدى.
ئۇزۇن يىللىق قوغۇن تېرىش، ساقلاش تەجرىىسىگە ئىگە 78ياشلىق بوۋاي نۇر ياقۇپ خوشال بولغان ھالدا مۇنداق دىدى: - كەنتىمىزدىكى دېھقانلار ‹‹ پىسەن قوغۇنى›› ئارقىلىق كىرىمىمىزنى ئاشۇرىۋاتىمىز ، بۇ قوغۇننىڭ تەمى ياخشى ، يۆتكەشكە قولايلىق، رەڭگى كۆك بولۇپ ، ناھايىتى يېيىشلىك . ھازىر 20مىڭدىن ئارتۇق قوغۇن گەمىدە ساقلانماقتا . يۇقىرىسىنى 40-50يۈەندىن ،تۆۋىنىنى 15-20يۈەندىن سېتىپ چىقىرىۋاتىمىز ، ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 20 يۈەندىن ھىسابلىساقمۇ ، 400مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. مۇشۇ بويىچە ھىسابلىغاندا ، بۇ يىل ‹‹ پىستە›› قوغۇنى تېرىغان 18ئائىلىلىك دېھقانلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ قوغۇندىن قىلغان كىرىمى 20مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن.

سۈرەتتە: ئۇزۇن يىللىق قوغۇن تېرىش ، ساقلاش تەجرىىسىگە ئىگە 78ياشلىق بوۋاي نۇر ياقۇپ ئاپتاپقا قاقلاپ بولۇپ ، گەمىگە سېلىش ئالدىدا تۇرغان قوغۇنلىرىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە
|