|
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى 17 – ئۆكتەبىر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە مىليون ئوقۇغۇچى ئارىسىدا قۇياش نۇرى تەنتەربىيىسى بويىچە قىش پەسىللىك ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئىشىنى بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇردى.
بۇ يىل 26 – ئۆكتەبىردىن باشلاپ، كېلەر يىلى 30 – ئاپرېلغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك ئالىي مەكتەپلەر، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 5 –، 6 – يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى قىش پەسىللىك ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ.
ئاپتونوم رايون ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەردىن قىش پەسىللىك ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش پائالىيىتىنى كۈندىلىك مائارىپ، ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، قىش پەسىللىك ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش پائالىيىتىنى تەنتەربىيە دەرسى، ئەتىگەنلىك گىمناستىكا، دەرس ئارىلىقىدىكى تەنتەربىيە پائالىيىتى ۋە دەرستىن سىرتقى تەنتەربىيە پائالىيىتى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن سىنىپلارنى بىرلىك قىلىپ ھەر كۈنى ئوقۇغۇچىلارنى ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇشنى؛ مەكتەپلەردىن ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش پائالىيىتىنى تەشكىللىگەندە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشنى، بولۇپمۇ قاتناش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى قاتنايدىغان تاشيولدا ئوقۇغۇچىلارنى ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشكە تەشكىللىمەسلىكنى تەلەپ قىلدى.
ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەر قىش پەسىللىك ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش پائالىيىتىدە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان سىنىپلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى تەقدىرلەيدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەقدىرلىنىش ئەھۋالىنى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش خاتىرىسى ۋە ئارخىپىغا كىرگۈزىدۇ.
بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش— مائارىپ مىنىستىرلىكى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 27 – سېنتەبىر چىقارغان ئۇقتۇرۇشىنىڭ تەلىپى بويىچە يولغا قويۇلغان، ئۇقتۇرۇشتا، 26 – ئۆكتەبىردىن كېلەر يىلى 30 – ئاپرېلغىچە مەملىكەت بويىچە 100 مىليونلىغان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا 2 – نۆۋەتلىك قۇياش نۇرى تەنتەربىيىسى بويىچە قىش پەسىللىك ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 1000 مېتىرغا، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 1500 مېتىرغا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 2000 مېتىرغا يۈگۈرۈشى تەلەپ قىلىندى.
|