|
تېكەس ناھىيىسىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان كۈچەپ كەلگەن تەتۈر تېمپېراتۇرا بەلبېغى كۆكتاتچىلىقى ئاخىر ئۈنۈم بەردى. تەرخەمەك، كۆكمۇچ، بۆلجۈرگەن، شوخلىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، غۇچچىدە مېۋە بەرگەن ئالما دەرەخلىرىمۇ شاخلىرىنى كۆتۈرەلمەي قالدى.
تېكەس ناھىيىسىنىڭ ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكى قىروسىز مەزگىل قىسقا، ئۈنۈملۈك يىغىندا تېمپېراتۇرىسى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق ئوبيېكتىپ شارائىتلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، ۋەھالەنكى، بۇ يەرنىڭ تاغلىق رايونىنىڭ تەتۈر تېمپېراتۇرا بەلبېغىدىن پايدىلىنىپ راۋاجلاندۇرۇلغان خاس تېرىقچىلىقى تەڭداشسىز ئەۋزەللىككە ئىگە. 1999 – يىلى تېكەس ناھىيىسىنىڭ تەتۈر تېمپېراتۇرا بەلبېغىدىكى تاغلىق رايوندا بۇ ناھىيىنىڭ تارىخىدىكى تۇنجى كۆكتاتچىلىق پارنىكى سېلىندى، شۇنىڭدىن كېيىن ناھىيىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى گەرچە كۆپ قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، پارنىك سانى ئىزچىل 500 ئەتراپىدا ساقلىنىپ كەلدى.
2008 – يىلى 3 – ئايدىن بۇيان، تېكەس ناھىيىسىدە تەتۈر تېمپېراتۇرا بەلبېغىدا پارنىك سېلىش دولقۇنى ئەۋج ئالدى، ناھىيىدە پارنىكنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا ئاساسەن ھەر بىر مېتىرغا 100 يۈەندىن ياردەم پۇلى بېرىشتەك ئېتىبار سىياسىتى يولغا قويۇلدى، ناھىيىدە شۇ يىلى يېڭىدىن سېلىنغان كۆكتات پارنىكى 1100 گە يەتتى. بۇ يىل سېلىنغان پارنىكنىڭ تېمى تېخىمۇ قېلىنلىتىلىپ ۋە ئېگىزلىتىلىپ، تېمپېراتۇرىنى تېخىمۇ ياخشى ساقلاش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
ناھىيىلىك يېزا ئىگىلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياۋ جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ يىل يېڭىدىن سېلىنغان كۆكتات پارنىكىنىڭ ھەممىسىگە پاتقاق گازى كۆلچىكى سەپلەندى. پاتقاق گازى كۆلچىكىدىكى سۇيۇقلۇق ۋە چىرىندىلەردىن پايدىلانغاندا، پارنىكتا كۆكتات تېرىشنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكىلى بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يېشىل كۆكتات بازىسى بەرپا قىلىش تەلىپىگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ناھىيە كۆكتاتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقانلارنىڭ پەردە ئوراش ماشىنىسى قاتارلىق پارنىكنىڭ ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىشىغا ئىلھام بەردى، 7 – ئايغىچە ناھىيىدە 50 تىن ئارتۇق پەردە ئوراش ماشىنىسى سېتىۋېلىندى.
تېكەسنىڭ تەتۈر تېمپېراتۇرا بەلبېغىدىن چىققان كۆكتاتلىرى 2006 – يىلىدىن باشلاپ ئېكسپورت قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇلتۇر ناھىيىدە 3000 توننىدىن كۆپ كۆكمۇچ، شوخلا، تەرخەمەك، بۆلجۈرگەن ئېكسپورت قىلىندى. ناھىيىنىڭ ئېكسپورت قىلىنغان كۆكتاتلارنىڭ سۈپىتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشىگە قۇلايلىق بولۇش ئۈچۈن، ناھىيىلىك يېزا ئىگىلىك ئورۇنلىرى يەنە ئېكسپورت قىلىنىدىغان كۆكتاتلارنى رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى ئورناتتى.
تېكەس ناھىيىسى 2008 – يىلى 6 – ئايدا سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق يەنە سۇسىزلاندۇرۇلغان كۆكتات پىششىقلاش زاۋۇتى قۇردى. بۇ سۇسىزلاندۇرۇلغان كۆكتات پىششىقلاش زاۋۇتىنىڭ بۇ يىل يېڭىدىن قۇرۇلغان 1000 مولۇق تەتۈر تېمپېراتۇرا بەلبېغى كۆكتاتچىلىق بازىسىغا يېقىن جايغا قۇرۇلغان بولۇپ، پات ئارىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۇمكىن. ياۋ جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ كۆكتات پىششىقلاش كارخانىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، تېكەس ناھىيىسىدىكى 5000 مو يەردىكى كۆكتاتنىڭ سېتىلىشىغىمۇ يول ئېچىلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە يىلدا، ناھىيىنىڭ تەتۈر تېمپېراتۇرا بەلبېغى كۆكتاتچىلىقى پارنىكى 10 مىڭغا يەتكۈزۈلىدۇ، كۆكتاتلىق كۆلىمىمۇ 15 مىڭ مودىن ئاشۇرۇلىدۇ››.
|