|
سەككىز دۆلەت گۇرۇھىنىڭ باشلىقلىرى يېقىندا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى : ھازىرقى پۇل مۇئامىلە كىرزىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ، مۇۋاپىق پەيتتە ، خەلقئارا باشلىقلار يىغىنى ئاچىمىز .
ئاقساراي ئېلان قىلغان بۇ بىرلەشمە باياناتتا سەككىز دۆلەت رەھبەرلىرى مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن : ئىتتىپاقلىشىپ ھازىرقى كىرزىسقا تاقابىل تۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى تەڭ ئۈستىگە ئالىمىز . غەربتىكى يەتتە دۆلەت گۇرۇھى بېكىتكەن ھەرىكەت پىلانىنى قوللايمىز . سەككىز دۆلەت گۇرۇھى جىددىي ، ئاشكارا ، كەمسىتىش بولمىغان ئاساستا بۇ تەدبىرلەرنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرىمىز .
سەككىز دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ھازىرقى ئىش بازارنى مۇقىملاشتۇرۇپ ، ئىشەنچنى تۇرغۇزۇش ، بۇ كىرزىس خەلقئارا پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سېستىمىسىنىڭ نۇقسانلىرىنى ئاشكارىلىدى ، شۇڭا بۇ سېستىمىنى ئىسلاھ قىلىش كېرەك . پەقەت ئىتتىپاقلاشقاندىلا ، رىقابەتكە تاقابىل تۇرۇپ ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى ۋە گۈللەندۈرگىلى بولىدۇ . بۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىل .
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|