|
چەت ئەللەردىكى مۇھاجىرلار ۋە بورتالا ئوبلاستىدىكى ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار بورتالا ئوبلاستىنىڭ مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئىپادىلىدى.
بورتالا ئوبلاستىدىكى ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوبلاستقا ئۈچ باشلانغۇچ مەكتەپ سېلىپ بەردى، ئۈچ باشلانغۇچ مەكتەپنى رېمونت قىلىپ بەردى. ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق شى جىڭدا ئەپەندى تەيۋەندىكى ‹‹خەير – ساخاۋەت فوندى›› جەمئىيىتىنىڭ ياردىمى بىلەن سېلىپ بەرگەن جىڭ ناھىيىسىنىڭ ماندان يېزىسىدىكى ‹‹خەير – ساخاۋەت›› باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە فرانسىيىدىكى جۇڭگولۇقلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ ياردىمى بىلەن بورتالا شەھىرىنىڭ چىندىل يېزىسىدا قۇرۇلغان ‹‹چياۋشىن›› باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئارقا – ئارقىدىن ئوقۇش باشلاندى. جىڭ ناھىيىلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى ناھىيىلىك كەسىپ ئوتتۇرا مەكتىپىگە چەت ئەلدىن ئىككى نەپەر چەت ئەل تىلى ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەت ئەل تىلى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياخشى شارائىت يارىتىپ بەردى.
|