باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ۋىلايەت–ئوبلاسىت خەۋەرلىرى
تاغارچى دېھقانلىرى ئۈزۈمچىلىكتىن نەپ ئالدى
2008- 10- 16 12:08 شىنجاڭ گېزىتى

     قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ تاغارچى يېزىسىدىكى ئۈزۈملەر پىشقاندىن كېيىن، دېھقانلارنىڭ چېھرىدە مول ھوسۇل شادلىقى جىلۋىلەندى.

     تاغارچى يېزىسىنىڭ ئۈزۈملىرىنىڭ تەمى ياخشى، قەنت مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان ئىستېمالچىلارنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، تاغارچى يېزىسى ئۈزۈمچىلىك جەمئىيىتى قۇرۇپ، ئۈزۈملىرىگە ماركا تىزىملاتتى. تاغارچى يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئابلەت غوپۇر: ھازىر يېزىمىزدا مېۋىگە كىرگەن ئۈزۈملۈك 3000 موغا، مو بېشى ھوسۇلى 2.5 توننىغا يەتتى، بىر كىلوگرام ئۈزۈمنى ئىككى يۈەندىن ئىككى يېرىم يۈەنگىچە سېتىپ چىقىرىۋاتىمىز، دېھقانلىرىمىز ئۈزۈملۈكنىڭ مو بېشىدىن 3000 يۈەندىن 4000 يۈەنگىچە ياخشىراق ئۈزۈملۈكلەردىن 5000 يۈەندىن 6000 يۈەنگىچە كىرىم قىلىۋاتىدۇ، دېدى.

     دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېزا ئۈزۈمچىلىك جەمئىيىتىنى ئىشلەپچىقىرىشنى تەشكىللەش، باھانى بېكىتىش قاتارلىقلارغا مەسئۇل قىلىپ، ئۈزۈم سودىگەرلىرىنىڭ باھانى قالايمىقان بېسىۋېتىدىغان، دېھقانلار ئۆزى بازار ئىزدەيدىغان ئەھۋاللارنى تۈگەتتى. ئىگىلىشىمچە، تاغارچى يېزىسىدىكىلەر بۇ يىل  ئۈزۈملىرىنى پاكىستانلىق سودىگەر ئارقىلىق غەربىي ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق بازارلىرىغا ساپتۇ، دېھقانلارنىڭ ئۈزۈمدىن قىلغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 600 يۈەندىن ئېشىپتۇ.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ