|
ھىندىستاندىكى بىر سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار يېقىندا مۇنداق دېدى: پۇل مۇئامىلە چوڭ دۆلىتى بولغان ھىندىستاننىڭ ئاپپارات تۈزۈمى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ياخشى بولماسلىقى پەيدا قىلغان سىناققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولغاچقا، 2015 – يىلىدىن كېيىن جۇڭگوغا يېتىشىۋالىدۇ.
ھىندىستان ‹‹ئىقتىساد ۋاقىت گېزىتى››نىڭ 3 – ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ سابىق مالىيە مىنىستىرى، خەلق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى سىۋامى 3 – ئۆكتەبىر شۋېتسارىيە بىلەن ھىندىستاننىڭ سودا ئۇيۇشمىسى ھىندىستاندا ئۆتكۈزگەن ‹‹ھىندىستان ئىقتىسادى بىلەن جۇڭگو ئامىلى›› تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا شۇنداق دېگەن.
سىۋامى ئۇل ئەسلىھە قالاق ۋە چىرىكلىك بولغاچقا، ھىندىستانغا مەبلەغ سېلىنىپ يولغا قويۇلغان كەسىپلەر ئۈچۈن تۆلىنىدىغان بەدەلنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، ئەمما ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ھىندىستاندىكىIT ۋە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى كەسپى خەلقئارا شۆھرەت قازاندى، بۇ ھىندىستاننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلات ياساش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› دىن
|