باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ۋىلايەت–ئوبلاسىت خەۋەرلىرى
تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسىدە
2008- 10- 15 12:27 تەڭرىتاغ تورى

     * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان شاھ تىللا خەۋىرى ، فوتوسى : تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىلىك سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى 9-ئاينىڭ باشلىرىدىن 10-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە ناھىيە تەۋەلىكىدىكى يېمەكلىك بازارلىرىدا قارىتا تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ ، سەككىز چوڭ تۈردىكى 25 خىل يېمەكلىكتىن نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈپ ، بىر تۈركۈم ۋاقتى ئۆتۈپ ، سۈپىتى ئۆزگەرگەن مەھسۇلاتلارنى ئېنىقلاپ ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ ، ئىستېمالچىلارغا ساغلام ئىستېمال مۇھىتى يارىتىپ بەردى ،

  سۈرەتتە: قانۇن  ئىجرا قىلغۇچىلار يېمەكلىك بازارلىرىنى تەكشۈرمەكتە

       * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان شاھ تىللا خەۋىرى ، فوتوسى : تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىلىك سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاپتوموبىل بازارلىرىنى تەرتىپكە سېلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن ، 10-ئاي كىرگەندىن بۇيان يۈك توشۇش ئاپتوموبىللىرىغا قارىتا مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ ، كېنىشكىسىز تىجارەت قىلغان ئاپتوموبىللاردىن سەككىزنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلدى .

      * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان شاھ تىللا خەۋىرى ، فوتوسى : تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىلىك سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى خادىملار 10-ئاينىڭ 13-كۈنى بىر ئىستېمالچىنىڭ ئىككى قۇتا سۈپەتسىز‹‹ قىزىل تاغ ›› ماركىلىق سىرنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ، قىلغان ئەرزىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ، بۇ ئىشقا جىددىي قاراپ ، دەرھال قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنى تەشكىللەپ ، بۇ ئىستېمالچىغا سۈپەتسىز سىر ساتقان ‹‹ خوڭدا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى دۇكىنى ››غا بېرىپ ، بۇ دۇكاندىكى سىرلارغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى ھەمدە بۇ دۇكاننىڭ ئامبىرىدا ساقلىنىۋاتقان ‹‹ قىزىل تاغ ›› ماركىلىق سىرلارنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ ، سۈپىتىنىڭ ئۆگىرىپ كەتكەنلىكىنى ئېنىقلاپ ، نەق مەيداندا 25 قۇتا سىرنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قالغاندىن باشقا ، ئىستېمالچىنىڭ زىيىنىنى نەق مەيداندا تۆلىتىپ بەردى.

 سۈرەتتە : قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار بەش خىل مېتال دۇكانلىرىنى تەكشۈرمەكتە

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ