|
بۈگۈر ناھىيىسى ئاممىنىڭ مائارىپ، داۋالىنىش شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، بۇ يىل 150 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ناھىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقە مەيدانى قۇرۇلۇشىنى، شۇنىڭدەك چېدىر يېزىسى، يېڭىسار بازىرى قاتارلىق بەش يېزا – بازار مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش بىناسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى تاماملىدى؛ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقان دېھقان – چارۋىچىنى %95.9 كە، شەھەر ئاھالىلىرىدىن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنى 6954 كە يەتكۈزدى، 4 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان ناھىيىلىك دوختۇرخانىنىڭ بالنېست بىناسى قۇرۇلۇشىنى 3 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى كەسپىي بىناسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قىسمىنى تاماملىدى.
|