باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى باشلاندىمۇ؟
2008- 10- 15 11:30 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      بۇنىڭدىن ئىلگىرى، گروزىيە توقۇنۇشى سەۋەبلىك، ئامېرىكا بىلەن روسىيىنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ قالدى. ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى قوپال سۆزلەرنى قىلىپ، ھەربىي ئىشلار جەھەتتە ھەرقايسىسى ئۆز بىلگىنىنى قىلدى. ئامېرىكىنىڭ ھەربىي پاراخوتى قارا دېڭىزغا كىردى. روسىيىنىڭ ئىستراتىگىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانى لاتىن ئامېرىكىسىنى چارلاپ يۈردى. بەزىلەر، ئامېرىكا بىلەن روسىيىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇناسىۋىتى يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا ئېلىپ بارىدۇ ، دېيىشسە يەنە بەزىلەر بۇنى قانداقمۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەيمىز، بۇنى ئىللىق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دېيىشىمىز كېرەك، دېيىشتى. 

      ئامېرىكا بىلەن روسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشىنى، ماھىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ روسىيىنى ئىزچىل باستۇرۇپ كەلگەن ئىستراتىگىيە بوشلۇقى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرققە كېڭىيىشى، باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، رەڭلىك ئىنىقلاپ دېگەندەك ئامېرىكىنىڭ روسىيە ئەتراپىدىكى پائالىيەتلىرى ئۈزۈلۈپ قالمىدى. روسىيىنىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇقىم بولۇپ، ئىقتىسادىدا زور ياخشىلىنىش بارلىققا كېلىپ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېڭى پەيدا بولدى. شۇڭا روسىيە ئاخىرى ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنى بوزەك قىلىشىغا قاراپ تۇرماي، مۇۋاپىق پەيتنى تېپىپ قايتۇرما زەربىگە ئۆتتى. روسىيە چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن مەۋجۈت بولۇپ تۇرىشى كېرەك. بۇ روسىيە خەلقىنىڭ روھى ئەنئەنىسى. شۇنداقلا روسىيىنىڭ تەقدىرى. ئامېرىكىنىڭ بۇ نۇقتىنى ھېس قىلىشى يېتەرلىك ئەمەس.

‹‹يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى›› دېيىش ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن روسىيىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇناسىۋىتىنى شەرھىيلەش خاتا. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى يۈز بەرگەن چاغدىكى زامان ۋە ماكان بىلەن ھازىرقى دەۋر ئوخشىمايدۇ. بۈگۈن بىۋاستە قارشىلىشىدىغان ئىككى چوڭ ئىدىئولوگىيە سىستېمىسى مەۋجۈت ئەمەس. ئىككى چوڭ ھەربىي گورۇھنىڭ بىۋاستە قارشىلىشىشىمۇ  مەۋجۈت ئەمەس. ئامېرىكىنىڭ روسىيىگە بىۋاستە تاقابىل تۇرىدىغان گورۇھنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى تەس. ياۋرۇپا بىلەن روسىيىنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى بەك چوڭقۇر. %40 تەبىئىي گازنى روسىيىدىن ئىمپورت قىلىدۇ. ياۋرۇپا بىلەن روسىيىنىڭ سودا سوممىسى 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. شۇڭا، ئامېرىكا ‹‹يېتىم قالدۇرىمىز›› دېگەندە، ياۋرۇپادىكى ئەللەر بەس- بەستە ئالاقىلىشىش ۋە كېلىشتۈرۈشكە ئالدىراشتى. ‹‹ئىللىق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى››دېگەندە، بۇمۇ بىر خىل يېزىق ئويۇنى بولۇپ، بۇ، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياكى ئەندىزە ئۆزگۈرۈشىنى ئىپادىلىگەن سۆز ئەمەس.

     ئامېرىكا بىلەن روسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى مۇناسىۋىتى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى – كەينىدىكى ئەنئەنىۋى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى، يامان بولۇشىنى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى جەھەتتە ئۆز ئارا بىر–بىرىنى سىغدۇرالىشى ياكى توقۇنىشى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر بىر تەرەپ ئۆزىنىڭ ئانچىكى مەنپەئەتى ئۈچۈن يەنە بىر دۆلەتنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە تىگىش قىلسا، قارشىلىققا ئۇچرىشىشى ئېنىق. بۇ دەل نۆۋەتتىكى ئامېرىكا، روسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ گروزىيە توقۇنۇشى جەھەتتىكى مۇناسىۋەت ئارقا كۆرۈنۈشى. ئەگەر ھەرقايسى دۆلەتلەر جانىجان مەنپەئەتنى بىكىتىش جەھەتتە بىۋاستە توقۇنۇشۇپ قالسا، ئەمەلىي كۈچ جەھەتتىمۇ سىنىشىپ قالىدۇ. بۇ دەل بىرىنچى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى كېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبى. ئىككى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ھەر قايسى ئەللەر جانىجان مەنپەئەتلىرىنى بىكىتىشتە ئۆزلىرىنى ئازراق تۇتىۋالدى. قارشى تەرەپنىڭ مەنپەئەت قىزىل سىزىقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاستە جەڭدىن ساقلىنىپ قالدى. بەزىلىرى ئوتتۇرىسىدا پەقەتلەر سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ۋە ۋاستىلىق، رايون خاراكتىرلىق ‹‹ۋاكالەتچىلەر ئۇرۇشى››يۈز بەردى خالاس.

     ئامېرىكا بىلەن روسىيىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇناسىۋىتىدە، ئامېرىكا ئاساسلىق جىدەل تېرىغۇچى تەرەپ، روسىيە تاقابىل تۇرغۇچى تەرەپ بولۇپ قالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ناھايىتى ئاسانلا روسيىنى بوزەك قىلالايدىغان بولۇپ قالدى. ھە دىسىلا روسىيىنىڭ مەنپەئەت قىزىل سىزىقىغا چىقىلىپ، روسىيىنىڭ نازارىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. ئەسلىدە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بىر قانچە ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرى، تارىختا دەل روسىيىنىڭ ئىستراتىگىيىلىك مەنپەئەت دائىرىسىدىكى جايلار ئېدى. مەنە جەھەتتىنمۇ، جۇغراپىيىلىك ئورۇن ۋە سىياسەت جەھەتتىنمۇ ھەم شۇنداق. روسىيە بۇ دۆلەتلەرگە قول تىقماي قاراپ تۇرالمايدۇ. كېيىن ئامېرىكا، روسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ رايونلاردىكى يۇشۇرۇن كۈرىشى توختاپ قالمايدۇ. ئەگەر ئامېرىكا روسىيىنى بەكلا تار يولدا قىستاپ تۇرىۋالمىسا، روسىيىنىڭ جانىجان مەنپەئەت قىزىل سىزىقىغا ھۆرمەت قىلسا، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا چارە تەدبىر قوللىنىپ، مەنپەئەت بوشلۇقىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى شۇنىڭ بىلەن بىر قەدەر ياخشى ۋە ساغلام بولغان يولغا قەدەم قويۇشى مۇمكىن.

      ئىنسانىيەت جەمئىيىتى، مەنپەئەت جەھەتتىكى توقۇنۇش ۋە كۈرەشتىن ساقلىنالمايدۇ. كىشىلەرنىڭ قىلالايدىغىنى پەقەت بۇ خىل توقۇنۇش ۋە كۈرەشنى يەڭگىللىتىش، بۇنى سىياسەتكە ئايلاندۇرۇپ، قان تۆكۈلىدىغان جەڭنىڭ ئالدىنى ئېلىش. بۇ دەل مەدەنىيەتنىڭ ئەسلى مەنىسى. 

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ