باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس 2008 – يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
2008- 10- 14 15:08 تەڭرىتاغ تورى

 

      شىنخۇا تورى ستوكھولم 13 – ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : شۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى 13 – ئۆكتەبىر ، 2008 – يىللىق نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىنى ئامېرىكا پرىنسېتون ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى پاۋلو كرۇگمېنگە بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى ھەمدە ئۇنىڭ خەلقئارا سودا شەكلى ۋە ئىقتىسادى پائالىيەت رايونى قاتارلىقلارنى تەھلىل قىلىش جەھەتتە قوشقان تۆھپىسىنى مۇكاپاتلىدى .  

     ئىگىلىنىشچە ، كرۇگمېن ئىقساد ساھەسىدا ، خەلقئارا سودا ۋە جۇغراپىيىلىك ئىقتىسادشۇناسلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ، ئەركىن سودا ، يەر شارىلىشىش ھەمدە دۇنيا مىقياسىدا شەھەرلىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سەۋەب قاتارلىق جەھەتلەردە بىر يۈرۈش نەزىرىيىنى بارلىققا كەلتۈرگەن . ئۇنىڭ يېڭى نەزىرىيىسى ئەركىن سودا ۋە يەر شارىلىشىشنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدا پەيدا قىلغان تەسىرى ھەمدە دۇنيا مىقياسىدىكى شەھەرلىشىش مۇساپىسىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەرگەن .

     ئىقتىسادشۇناسلىق نوبېل مۇكاپاتىنى شۋېتسىيە مەركىزى بانكىسى 1968 – يىلى ، شۋېتسىيىدىكى داڭلىق خىمىيە ئالىمى ، نىتروگلىتسېرىن پارتىلاتقۇچ دورىسىنىڭ كەشپىياتچىسى ئالفرېد بورنھارد نوبېلنى ئەسلەش ئۈچۈن تەسىس قىلغان ھەمدە 1969 – يىلى تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان بولۇپ ، بۇ يىللىق نوبىل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىنىڭ مۇكاپات سوممىسى 20 مىليون شۋېتسىيە كورۇنا (1 مىليون 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) ئىكەن .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ