|
16 يىل ئىلگىرى ‹‹ھاماقەت ! ئەڭ مۇھىم نەرسە —ئىقتىساد!›› دېگەن بۇ بىر ئېغىز سۆز كېلىنتوننى پۈتكۈل دۇنياغا تونۇتقان ئىدى. 1992– يىلىدىكى سايلامدا، كىشىلەرگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان ئاركېنزاس ئىشتاتىدىن كەلگەن بۇ يىگىت پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغان قېرى بوشنى مەغلۇپ قىلدى. 16 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، نۆۋەتتىكى بۇ پۇل–مۇئامىلە كىرزىسى ۋال سترېت كوچىسىنى قاپلاپلا قالماستىن، ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەر شارىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىغا تەھدىد سېلىۋاتقاندا، ئىقتىساد بىلەن سايلام مۇناسىۋىتى ئادەتتىن تاشقىرى كەسكىنلىشىپ كەتتى.
مۇشۇ ئاينىڭ 7– كۈنى كەچتە، ئامېرىكا تېننېسسى ئىشتاتىنىڭ مەركىزىي شەھىرى ناشۋىلدىكى بېرمېنت ئۇنىۋېرسىتېتىدا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ماككائىن بىلەن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ زاڭتۇڭ نامزاتى ئوباما 2– قېتىم مەملىكەت بويىچە تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسى ئۆتكۈزدى. بۇ 1– قېتىملىق مۇنازىرە بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. پۇل–مۇئامىلە كىرزىسى يەنىلا بۇ ئىككى كىشىنىڭ كەسكىن رىقابىتىدىكى يادرولۇق مەزمۇن بولۇپ قالدى. گەرچە ماك كائىن ئۆزى زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن باج نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، باجنى كۆپەيتمەيدىغانلىقىنى ھەمدە ئۆي قەرز پۇلىدىكى تىرىلمەس ھىساباتنى كۆتىرىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئوباما گەپنىڭ مېغىزىنى نۆۋەتتىكى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىدىكى بۇ ۋەيران بولغان ۋەزىيەتنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ھۆكۈمىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان دېگەن نوقتىغا مەركەزلەشتۈرگەن ھەمدە بوش ھۆكۈمىتى شۇنداقلا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ئىقتىسادتا خاتا تاكتىكا قوللىنىپ، ۋال سترېت كوچىسىغا بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى بوشاشتۇرۇپ قويۇپ، پۇل–مۇئامىلە كىرزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ۋەزىيەتنى تۈزىگىلى بولمايۋاتىدۇ، دېگەن. مۇنازىرە ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا كولومبىيە رادىئو شىركىتىنىڭ خەلق رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، %40 سايلىغۇچى ئوباما شۇ كۈنكى مۇنازىرىدە غەلىبە قازاندى، دەپ قارىغان. ھالبۇكى %26 كىشى ماككائىننىڭ ئىپادىسى تېخىمۇ ياخشى بولدى، دەپ قارىغان.
ئەمەلىيەتتە، ۋال سترېت كوچىسىدىن باشلاپ كۆتۈرۈلگەن بۇ پۇل–مۇئامىلە بوران–چاپقۇنى ئوباماغا ھەقىقەتەن ياردەم بەرگەن. ئۇدا 4 نۆۋەت كېڭەش پالاتاسى ئەزالىقى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، ۋېيتنام ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەر ئەسكەر ماك كائىنغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئوبامانىڭ دېپلوماتىيە تەجرىبىسى ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى تېخى پىششىپ يېتىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن تېخىمۇ كۆپ سايلىغۇچىلار ئىقتىسادنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدە، ئوباما ماك كائىندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دەپ قارىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، نۆۋەتتە بوشنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ھۆكۈمىتىدىن قالغان بۇ ئىقتىساد مەسىلىسىدە، ماك كائىنمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.
ئامېرىكا سايلىمىنىڭ مۇنداق بىر قانۇنىيىتى بار يەنى ئىقتىسادقا ئېرىشكۈچىلەر ھەممىگە ئېرىشىدۇ. ھازىرقى زاماندىكى ئامېرىكىلىق سايلىغۇچىلار ئۆيىدە ئولتۇرۇپ ياڭيۇ قەلەمچىسى يىگەچ، تېلىۋىزوردىن باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇرۇشلارنى كۆرسىمۇ لېكىن ئۆزلىرىنىڭ كۆز ئالدىدىكى مال بىساتىدىن ئايرىلىشنى خالىمايدۇ. مەلۇم نوقتىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىمۇ ئېنىق ئەمەس. ۋال سترېت كىرزىسىنىڭ بارغانسىرى زورىيىشىغا ئەگىشىپ، مۇشۇ ئاينىڭ 1– كۈنىدىكى بىر تۈرلۈك خەلق رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولىشىچە: ئوباما %48 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن %41 لىك ئاۋازغا ئېرىشكەن رىقابەتچىسى ماك كائىن ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن. بۇ 3 ھەپتە ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئۆزگەرگەن بولۇپ، ئالدىنقى قېتىمقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ماك كائىن يەنە ئاجىز ئەۋزەللىكىنى ساقلاپ قالغان ئىدى. ماك كائىن بىلەن سىلىشتۇرغاندا، ئوۋبامانىڭ ئىشلىرى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولىۋاتماقتا ئىكەن. ئەڭ يېڭى خەلق رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولىشىچە ، فلورىدا، ئوخېئو ۋە پېنسىلۋانىيىدىن ئىبارەت سايلام ئەھۋالى تۇراقسىز بولىۋاتقان ھالقىلىق ئىشتاتلاردا، ئوبامانىڭ ئۈستۈنلۈكى بارغانسىرى گەۋدىلىنىشكە باشلىغان.
ھازىر، كېلەر ئاينىڭ 4– كۈنىدىكى ئاۋاز بىرىش كۈنىگە بىر ئايمۇ ۋاقىت قالمىدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭ نامزاتىنىڭ 3 قېتىملىق تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەيدان مۇنازىرىسىمۇ مۇشۇ ئاينىڭ 15– كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۇنى جەزىملەشتۈرۈشكە بۇلىدۇكى، بۇ بىر مەيدان پۇل–مۇئامىلە بوران –چاپقۇنى كېيىنكى سايلام ئەھۋالىغا داۋاملىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. گەرچە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى سايلام لاگىرى تېمىنى بۇراش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئاساسىي تېمىنى ئىقتىسادىي كىرزىستىن ئوۋبامانىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى، ئىشەنچ دەرىجىسى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەخلاقىي پەزىلىتىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىغا مەسىلەن يېقىندا ماك كائىننىڭ سايلام رىقابىتىدىكى شىرىكى پېرىننىڭ ئوباما ‹‹تېرروچى ئۇنسۇرلار بىلەن›› دوست دېگەن سۆزىگە بۇرمىلىغان بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن شۇنى جەزىملەشتۈرۈشكە بۇلىدۇكى، ئوباما لاگىرى ئىقتىسادىي مەسىلىگە داۋاملىق يۈرۈش قىلىپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ بۇ ئاجىزلىقىنى چىڭ تۇتىدىكەن. كېيىنكى قەدەمدە، ئوباما مۇشۇ كىرزىستىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرالامدۇ –يوق؟ ماك كائىن يەنە قانداق ھىلە – مىكىرلەرنى قوللىنىپ، ئۇنىڭغا مۇتلەق قايتارما زەربە بېرىدۇ؟ نۆۋەتتە قىزىقارلىق ھەم كەسكىن بولغان ئامېرىكا سايلىمى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ نەتىجىسى زادى قانداق بۇلىدۇ؟ ھازىرچە بۇنىڭغا بىر نەرسە دىمەك تەس.
|