باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېلېكتر تورى ئىككى تۈردە دۇنيا جىنىس مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
2008- 10- 14 12:27 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ  220 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتر تورى قاپلاش كۆلىمى ئەڭ كەڭ، يەككە توك يەتكۈزۈش لىنىيىسى ئەڭ ئۇزۇن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئىككى تۈردە دۇنيا جىنىس مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. يېقىندا شاڭخەي دۇنيا جىنىس مۇكاپاتى باش ئىشتابى مەخسۇس گۇۋاھنامە تارقىتىپ ئېتىراپ قىلدى.

     شىنجاڭ ئېلېكتر تورى مۇستەقىل ئېلېكتر تورى بولۇپ، نەچچە ئەۋلاد شىنجاڭ ئېلېكتر – ئېنېرگىيە قۇرغۇچىلىرىنىڭ جاپالىق كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە، 2007 – يىلى 17 – نويابىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە 220 كىلوۋوتلۇق بىرلەشمە تور ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچى مەركەز قىلىنغان شەرقتە قۇمۇل، غەربتە بورتالا مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، جەنۇپتا قەشقەر، خوتەن، شىمالدا تارباغاتاي، ئالتاي بىلەن تۇتىشىدىغان توك بىلەن تەمىنلەش تورى شەكىللەندى. بۇ تورنىڭ شەرق – غەرب ئۇزۇنلۇقى 2000 كىلومېتىر، جەنۇب شىمال ئۇزۇنلۇقى 3300 كىلومېتىر بولۇپ، قاپلاش كۆلىمى 1 مىليون 200 مىڭ كۋادرات كېلومېتىر كېلىدۇ ھەمدە ئەڭ ئاخىرى قاپلاش رايون كۆلىمى ئەڭ كەڭ بولۇشى بىلەن دۇنيا جىنىس مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. شىنجاڭنىڭ يەككە 220 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش لىنىيىسىمۇ ئۇزۇنلۇق جەھەتتە دۇنيا جىنىس مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. قاراماي ترانسىفورماتور پونكىتىدىن ئالتاي ئېرتىش ترانسىفورماتور پونكىتىگىچە بولغان 220 كىلوۋوتلۇق توك يەتكۈزۈش لىنىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 303.6 كىلومېتىر بولۇپ، 2006 – يىلى دېكابردا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.
 

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ