باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
شىرنىڭ چاۋشيەندە قايتا زىيارەتتە بولۇشتىكى مەقسىتى نېمە؟
2008- 10- 14 12:24 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      ئامېرىكا ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى، چاۋشيەن يادرو مەسىلىسى ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدىكى ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى شىر مۇشۇ ئاينىڭ –كۈنى چاۋشيەننىڭ پايتەختى پيۇڭياڭغا يېتىپ باردى. بۇ بۇلتۇر 6– ئايدىن بېرى شىرنىڭ چاۋشيەندە ئۈچىنچى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا شىر يەنە نېمىشقا چاۋشيەنگە بارىدۇ؟

     شىرنىڭ چاۋشيەنگە زىيارەتكە بېرىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى مۇنداق: چاۋشيەن 6– ئاينىڭ  26–كۈنى يادرو پىلانى توغرىسىدىكى مەلۇماتنامىنى سۇندى. ئامېرىكىمۇ شۇ كۈنى چاۋشيەننى ‹‹تېرورىزىمنى قوللىغۇچى دۆلەت›› تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاش تەرتىپىنى رەسمىي يولغا قويدى. ئەمما ئامېرىكا چاۋشيەننىڭ يادرو پىلانى مەلۇماتنامىسىنى ئىسپاتلاشنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلدى. ئەمما چاۋشيەن بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى. چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا يادرو پىلانى مەلۇماتنامىسىنى ئىسپاتلاش مەسىلىسى جەھەتتە ئىختىلاپ كۆرۈلگەچكە، ئامېرىكىنىڭ تىزىملىكتىن ئۆچۈرىۋىتىش تەدبىرلىرى ھازىرغا قەدەر ھەقىقى ئۈنۈمگە ئىگە بولمىدى. ئامېرىكىنىڭ پوزۇتسىيىسىگە قارىتا، چاۋشيەن – ئايدىن بېرى، نيۇڭبيون رايونىنىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى ئىقتىدارسىزلاشتۇرۇش مەشغۇلاتىنى توختاتقاندىن كېيىن، يەنە 9– ئاينىڭ 19– كۈنى نيۇڭبيوننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ خىل ۋەزىيەت تەرەققىياتى چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىشلىرىنى تېخىمۇ قېيىن ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

     ئالدىنقى ھەپتىدە، چاۋشيەن خەلقئارا ئاتوم ئىنىرگىيىسى ئورگىنىنىڭ نيۇڭبيون يادرو ئەسلىھەلىرى ۋە نازارەت قىلىش، كونترول قىلىش ئۈسكۈنىلىرىگە چاپلىغان پىچىتىنى ئېلىپ تاشلاپ، يادرو ماتېرىياللىرىنى قايتىدىن توشقۇزىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا چاۋشيەننىڭ ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدە يادرو پىلانىدىن ۋااز كېچىدىغانلىقى توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىدىن يېنىۋىلىش ئىھتىماللىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بىلەن قارىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رايىس 9– ئاينىڭ 26–كۈنى مۇنداق دېدى:‹‹ئامېرىكا قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر كۈچلۈك ئۇچۇر تارقىتىپ، چاۋشيەندىن يادرو ئەسلىھەلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قوللانغان ھەر قانداق ھەرىكەتنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ›› .  

     ئامېرىكىنىڭ جامائەت پىكرى مۇنداق دەپ قارىدى:‹‹شىرنىڭ بۇ قېتىم چاۋشيەنگە زىيارەتكە بېرىشتىكى مەقسىتى يادرو ئەسلىھەلىرىنى چوقۇم ئەسلىگە كەلتۈرىمەن دەپ جاھىللىق قىلىۋاتقان چاۋشيەننى ئۆز نىيىتىدىن ياندۇرۇشقا دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش، بولماسلىقى، يەنە ئۈزۈلۈپ، يەنە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقىنىغا نەچچە يىل بولغان چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنىڭ تەقدىرىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇناسىۋەت يۈزلىنىشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن›› .

     ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەرباب مۇنداق دېدى:‹‹شىرنىڭ چاۋشيەنگە كۆرسىتىدىغان يېڭى تەكلىپى ئىچىدە چاۋشيەننىڭ يۈز ئابرويىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە پايدىلىق تەكلىپلەرمۇ بار›› .  ھالبۇكى، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ باياناتچىسى مېكماك ‹‹شىر چاۋشيەن ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە نۆۋەتتىكى قاتمال ۋەزىيەتنى ئوڭشايدىغان بىر قىسىم تەكلىپلەرنى بەرسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەننىڭ يادرو پائالىيەتلىرىنى تەكشۈرۈش جەھەتتىكى پىرىنسىپال مەيدانىدا ئەمەلىي ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ››دەپ جاكارلىدى.

    شىرنىڭ بۇ قېتىم چاۋشيەنگە زىيارەتكە بېرىشتىكى مەقسىتى چاۋشيەنگە زادى ئاخىرقى ئولتىماتۇمنى تاپشۇرۇشمۇ ياكى ياردەم بېرىشمۇ ھازىرچە بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.

    ئامېرىكا ئەقىل ئامبىرى پەن– تېخنىكا ۋە خەلقئارا بىخەتەرلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ باش نازارەتچىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق يادرو تەكشۈرۈش خادىمى داۋىت ئوربۇلانت مۇنداق دېدى:‹‹بۇش ھۆكۈمىتى چاۋشيەن چوقۇم خەلقئارا يادرو تەكشۈرۈش خادىملىرى ئوتتۇرىغا قويغان، چاۋشيەننىڭ ھەر قانداق جايىنى تەكشۈرۈش، بارلىق مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىنى كۆرۈش ھەمدە يادرو قۇرۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق خادىملار بىلەن ئۇچرىشىش، ماتېرىيال  كۆرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تەلەپلىرىنى قانائەتلەندۈرۈشى كېرەك دېگەندە باشتىن–ئاخىر چىڭ ›› . بۇنىڭغا قارىتا ئۇ ئامېرىكىنى چاۋشيەندىن ئىشپىيۇنلۇق كېنىشكىسى ئېلىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ دەپ تەنقىدلىدى.

     ئامېرىكا‹‹خەلقئارا ئالدىن دېرەك بېرىش مۇنبەر گېزىتى›› نىڭ 9– ئاينىڭ 30– كۈنىدىكى نەشرىدە ئېلان قىلىنغان ئوبزوردا مۇنداق دەپ قارالغان: چاۋشيەننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى ئىقتىدارسىزلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىپ، كېيىن يەنە قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشىدە، بۇش ھۆكۈمىتى ئەڭ چوڭ مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئوبزوردا مۇنداق دېيىلگەن: كۈچلۈك يادرو تەكشۈرۈش تۈزۈمىنىڭ نۆۋەتتە ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. ئەمما بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى ھەر قانداق مۇۋاپىق بولغان ماسلاشتۇرۇشلارنى ئەسقاتمايدىغان ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويدى. ماقالىدە يەنە بۇش ھۆكۈمىتى چاۋشيەننى يادرو پىلانىدىن ۋاز كەچكۈزۈش مۇساپىسىدە ئەمەلىي پىلان تۈزۈپ چىقىشقا دەۋەت قىلغان. ئىشلىتىشكە بولىدىغان تەدبىر چاۋشيەننى تېزلىك بىلەن‹‹تېرورىزىمنى قوللىغۇچى دۆلەت›› تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاش. ئەگەر چاۋشيەن ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدە قىلغان ۋەدىسىدىن يېنىۋالسا، ئاندىن چاۋشيەننى قايتىدىن‹‹تېرورىزىمنى قوللىغۇچى دۆلەت›› تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

     كۆپ خىل بىشارەتلەر بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ گەرچە چاۋشيەننى يادرو ئەسلىھەلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىدىن توساشقا ئالدىرۋاتقاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئىزچىل زىيادە جىددىي ياكى ھۆكۈم قىلىش خاراكتىرىنى ئالغان سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. شىر چاۋشيەنگە بېرىشتىن ئىلگىرى ئالاھىدە تەكىتلەپ: "چاۋشيەننى يادرو ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرتۈشكە قوشۇلۇشقا قايىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز ھەممە ئەھۋاللارنى تەكشۈرىمىز دېمىدۇق. ئەمەلىيەتتە يادرو تەكشۈرۈش ئىشى كېيىنكى ئىش دېدى.

     دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، يادرو مەسلىسىدە ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەن ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت قانچە كەسكىن بولسىمۇ، ئەمما ئىككى تەرەپ زىددىيەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سۆھبەتلىشىشنى توختىتىپ قويمىدى. چاۋشيەننىڭ يادرو مەسلىسى بويىچە ئالتە تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش مىخانىزمىنى بىراقلا ئىنكار قىلىۋەتمىدى. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى رايىس 9– ئاينىڭ 29– كۈنى نيۇيوركتا، شىرنى بۇ قېتىم پيۇڭياڭغا زىيارەتتە بولۇشقا چاۋشيەن تەكلىپ قىلغان دېدى.

    شىر راست گەپ قىلىپ: ‹‹نۆۋەتتە، چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش دەل ئىنتايىن قىيىن مەزگىلدە تۇرماقتا. ئەمما مېنىڭ چاۋشيەنگە زىيارەتكە تەكلىپ قىلىنىشىمدىن ئىبارەت بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنىڭ ئورتاق ھۆججىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يادروسىزلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئەمەس. چۈنكى ئامېرىكا، چاۋشيەن ئىككىلى تەرەپنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارزۇسى بار!›› دېدى.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ