باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئىقتىسادى قاتتىق سىناققا يۈزلەندى
2008- 10- 14 12:12 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     ئامېرىكا پارلامېنتى مۇشۇ ئاينىڭ 3–كۈنى 700 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاجىرىتىپ پاي چېكى بازىرىنى قۇتقۇزۇش پىلانى ماقۇللاندىغاندىن كېيىن ، ۋال سىترىت كوچىسىنىڭ پاي چېكى بازىرىنىڭ پاي چېكى كۆرسەتكۈچى ئۇدا ئۈچ كۈن يەنە چۈشتى. مۇشۇ ئاينىڭ 6–، 7– كۈنلىرى، دوۋ–جونېس كۆرسەتكۈچىمۇ ئارقا–ئارقىدىن 10 مىڭ نۇقتا ۋە 9 مىڭ 500 نۇقتا چۈشۈپ، پاي چېكى بازىرى ئەنسىزلىك ئىچىدە قالدى. بازارنىڭ كەسكىن ئىنكاسى، قۇتقۇزۇش لايىھىسىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلاردا قايتا ئىشەنچ تۇرغۇزالمىغانلىقى، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ قاتتىق سىناققا يۈزلەنگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

     ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەرەپ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر يۈرۈش سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ھازىرقى ھالىتى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىكەن. 8–ئايدا، ئامېرىكا زاۋۇتلىرىنىڭ مال زاكاس قىلىش مىقدارى ئۆتكەن ئايدىكىدىن %4 تۆۋەنلەپ، 2006– يىلى 10– ئايدىن بۇيانقى ئەڭ زور چۈشۈش نىسبىتىنى شەكىللەندۈرگەن ؛ ئامېرىكىدىكى ئىش ئورنىمۇ ئۇدا 9 ئاي ئازلاپ كەتكەن، 9–ئايدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى %6.1 بولۇپ، 5 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەن.

      تۇرالغۇ ئۆي باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ كەسكىن داۋالغۇشى سەۋەبىدىن ۋەيران بولۇشقا ئىلتىماس قىلىش دېلولىرىنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئاشقان. ئامېرىكا ۋەيران بولۇش تەتقىقات ئورنىنىڭ دوكىلاتىغا قارىغاندا، 9–ئايدا ئامېرىكىدا جەمىئي 88 مىڭ 700 ئادەم ۋەيران بولۇشقا ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %29 ئاشقان. دوكىلاتتا مۆلچەرلىنشىىچە، بۇ  يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن يىلدا ۋەيران بولۇشقا ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ سانى 1  مىليون 100 مىڭ ئادەمگە يېتىدىكەن.

     ئامېرىكا فىدراتسىيە زاپاس بانكىسىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئىستېمال كىرىدېتى يىللىق نىسبەت بويىچە ھېسابلىغاندا 8- ئايدا %3.7  تۆۋەنلىگەن، بۇ ئىستېمال كىرىدېتىنىڭ 1998–يىلى 1– ئايدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىشىكەن. ئىستېمال كىرىدېتى— شەخسىلەرنىڭ ئىستېمال چىقىم ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. شەخسىي ئىستېمال كىرىمى ئامېرىكىنىڭ ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئۈچ دەن ئىككىسىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ھېسابلىنىدۇ. ئىستېمالنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىش خەتىرىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ.

     بىر قىسىم ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ ئېيتىشىچە، پۇل مۇئامىلە كىرزىسى يەنە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، فونىد، ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلار، سۇغۇرتا شىركەتلىرى زىيانغا ئۇچۇرغىچىلار بولىدىكەن. ئامېرىكا فىدراتسىيە زاپىسى بانكىسىنىڭ رەئىسى Ben Bernanke مۇشۇ ئاينىڭ 7– كۈنى، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ئىستىقبالىنىڭ ناچارلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ كەينىگە مېڭىش خەۋىپىنىڭ ئاشقانلىقىنى ئېيتتى. گەرچە Ben Bernanke ‹‹زاۋاللىققا يۈزلىنىش›› سۆزىنى ئىشلەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن ئىقتىسادسۇناسلار، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىش باسقۇچىغا بېرىپ قالغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

     ئىشەنچ—كاپىتال بازىرىنىڭ ئايلىنىش ئاساسى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30–يىللىرى ئىقتىساد كاسساتلاشقان مەزگىلدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى فرانكىلىن روزۋېلت:‹‹ پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى تەڭشەشتە پۇل، ئالتۇندىنمۇ مۇھىم ئامىل بار، ئۇ بولسىمۇ—خەلقنىڭ ئىشەنچىسى›› دېگەن ئىدى.

    نۇرغۇن ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە بازاردىكى كەسكىن داۋالغۇش، بازاردا ئىشەنچ كەمچىل بولغانلىق بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بازار ۋەزىيىتىنىڭ تۇراقسىزلىقى، مەبلەغ سالغۇچىلارنى بارغانسېرى ئېھتىياتچان قىلىپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋەتكەن. مەسىلەن، ئامېرىكىلىق مەبلەغ سالغۇچىلار ئىلگىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئۇزۇن مەزگىللىك مەبلەغ سېلىشقا مايىللىشاتتى، ئەمما ھازىر بازار ئېنىقسىز بولغانلىقتىن نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلار سالغان دېرىنىڭ ئورنى قايتىپ كەلگەندىن كېيىنلا بازاردىن چېكىنىدىغان بولدى، ساتقۇچىلار كۈچىنىڭ زورىيىشى پاي چېكى كۆرسەتكۈچىنى يەنىمۇ چۈشۈرۋەتتى.

     بۇنىڭدىن سىرت، ئىلگىرى ساغلام، ئىشەنچلىك بولغان پۇل مۇئامىلە گىگانتلىرىمۇ بۇ قېتىملىق ئېغىر كىرزىسنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى. بۇنىڭ بىلەن پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىدا ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ كېيىنكى ۋەيران بولغۇچى بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، نەق پۇلنى كىرىدېتقا ئايلاندۇرۇشتىن قورقتى، بۇنىڭ بىلەن بازانىڭ بېسىمى يەنىمۇ ئېغىرلىشىپ ئىقتىساد تېخىمۇ ناچارلاشتى.

     شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكىنىڭ پۇل مۇئامىلە كىرزىسى ياۋرۇپانىمۇ ئومۇميۈزلۈك قاپلاپ، ياۋرۇپادىكى كۆپلىگەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋەيران بولدى، بۇنىڭ بىلەن مەبلەغ سالغۇچىلار پۇل مۇئامىلە بازىرىدىن تېخىمۇ ئۈمىدسىزلەندى.

     ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم جامائەت پىكرىنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى بىر قانچە كۈندىكى بازاردىكى ئەنسىزلىك دۇنيا پۇل مۇئامىلە كىرزىسىدە‹‹خەتەرلىك ئۆزگىرىش›› يۈز بەرگەنلىكىنى ئىپادىلەيدىكەن: يەنى، ھۆكۈمەتنىڭ كىرىزىسكە تاقابىل تۇرۇشى تېخىمۇ مۈشكۈللىشىپ، بازارنىڭ بۇ تەدبىرلەرگە بولغان ئىشەنچىسىمۇ بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كەتكەن.

     كۈزەتكۈچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا ئىقتىسادى ئىزچىل ناچارلىشىپ ھەتتا زاۋاللىققا يۈزلىنىش مۈمكىمچىلىكى بار بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا قۇتقازغىلى بولىدىكەن. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پاي چېكى بازىرىنى قۇتقۇزۇش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە، 700 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاجىرىتىپ بازار قۇتقۇزۇش لايىھىسىدىن سىرت، يېقىندا تېخىمۇ كۆپ ئىقتىساد لايىھىلىرىنى چىقىرىشى، ئامېرىكا فىدراتسىيە زاپاس بانكىسىمۇ ئۆسۈم چۈشۈرۈش سىياسىتىگە ئېتىبار بېرىشى مۈمكىنكەن.

     ئامېرىكا زۇڭتۇڭ پۇل مۇئامىلە بازىرى كومىتېتى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ: ئامېرىكا دۇنيا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتلىمى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ كىرزىسكە تاقابىل تۇرۇپ، بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ پۇل مۇئامىلە بازىرىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ، دېدى. بۇ كومىتېت 1987– يىلى ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ۋەيران بولغاندىن كېيىن قۇرۇلغان. ئەزالىرى مالىيە مىنىستىرى ۋە ئامېرىكا فىدراتسىيە زاپاس بانكىسىنىڭ رەئىسى قاتارلىق مالىيە–ئىقتىساد يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بازارنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن زۇڭتۇڭ پۇل مۇئامىلە بازىرى كومىتېتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتە پۈتۈن كۈچى بىلەن بازار قۇتقۇزۇش پىلانىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلىدۇ، بۇنىڭ تەسىر كۈچى ۋە قاراتمىلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك.

     كونكرت تەدبىر ئورنىدا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى 700 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاجىرىتىپ پاي چېكى بازىرىنى قۇتقۇزۇش لايىھىسىنى تېزلىكتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ناچار مۈلۈك سېتىۋېلىش ئارقىلىق، پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئامېرىكا فىدراتسىيا زاپاس بانكىسى بولسا پاي چېكى بازىرىغا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، پاي چېكى بازىرىنىڭ ئوبورۇتچانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئاشكارىلىنىشىچە، ئامېرىكا فىدراتسىيا زاپاس بانكىسىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلۈمى يىل ئاخىرىدا 900 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن، قىيىن ئەھۋالدا قالغان كارخانىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئامېرىكا فىدراتسىيا زاپاس بانكىسى ئۇلارنى قەرز مەبلىغى بىلەن بىۋاستە تەمىلەيدىكەن.

     نۇرغۇن ئىقتىسادشۇناسلارمۇ، نۆۋەتتە پۇل مۇئامىلە كىرزىسى ۋەزىيىتى ئېغىر بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە نېفىت باھاسىنىڭ زور نىسبەتتە تۆۋەنلىشى، پۇل پاخاللىقى بېسىمىنى نىسبەتەن يېنىكلىتىدىغانلىقىنى، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئامېرىكىنىڭ كىرزىسقا تاقابىل تۇرۇشىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئەمما نۆۋەتتىكى كىرزىسىنى پۈتۈنلەي تۈگىتىش جەريانى مۇشەققەتلىك بولۇپ، بىر مەھەل ۋاقىت كېتىدىكەن.

     ئامېرىكىدىكى بانكىر موسلېر يېقىندا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكا فىدراتسىيا زاپاس بانكىسىنىڭ مۇشۇ ئايدا ئۆسۈم چۈشۈرۈشنى قارار قىلىشى مۈمكىنلىكىنى ئېيتتى. دۇنيا ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، نۇرغۇن مەركىزىي بانكىلارمۇ ماسلىشىپ تەدبىر قوللىنىپ، دۇنيا ‹‹بىرلىشىپ ئۆسۈم چۈشۈرۈش دەۋرى›› گە كىرىدۇ. موسلېرنىڭ قارىشىچە، ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارىغاندا، ئەگەر سىياسەت توغرا بولسا، ئامېرىكا ئىقتىسادى قىسقا مۇددەتلىك زاۋاللىققنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن كېلەر يىلى ئەسلىگە كېلىدىكەن.

     كىرزىس داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بىر يۈرۈش پاي چېكى بازىرىنى قۇتقۇزۇش لايىھلىرىنىڭ چىقىرىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكا فىدراتسىيا زاپاس بانكىسىنىڭ سابىق رەئىسى گرېنىسپان گېپىنى ئۆزگەرتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنىڭ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا نۆۋەتتىكى ‹‹100 يىلدا بىر قېتىم يولۇققان›› پۇل مۇئامىلە كىرزىسىدىن تېزلا ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ، دېدى.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ