باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
12315 قوماندانلىق مەركىزى ئىستېمالچىلارنىڭ 29 مىڭ 863 قېتىم مەسلىھەت سوراش، ئەرز قىلىش – پاش قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلدى
2008- 10- 14 12:02 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارسىنىڭ 12315 قوماندانلىق مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 9 – ئايدا بۇ قوماندانلىق مەزكىزى ئىستېمالچىلارنىڭ 29 مىڭ 863 قېتىم مەسلىھەت سوراش، ئەرز قىلىش – پاش قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان. مەسلىھەت سوراش، ئەرز قىلىش ، پاش قىلىش تېلېفونى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 995 دىن توغرا كەلگەن. ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرز شىكايەتلىرى ئۆتكەن ئايلارغا قارىغاندا كۆپىيىپ قالغان بولۇپ، ‹‹مەسىلە بار سۈت تالقىنى›› ۋەقەسى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتقان. 12315 قوماندانلىق مەركىزى پەقەت سۈت مەھسۇلاتلىرى توغرىسىدا  4930 قېتىم مەسلىھەت سوراش، ئەرز قىلىش – پاش قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان. تېلېگراف مۇلازىمىتى توغرىسىدىكى ئەرزلەر يەنىلا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. تېز يەتكۈزۈش كەسپى توغرىسىدىكى ئەرزلەرمۇ تېز كۆپەيگەن.

     ئىگىلىنىشىچە، ئىستېمالچىلار ئەرز قىلغان بازىرى ئىتتىك تاۋارلار ئىچىدە، ھاراق – تاماكا، قوشۇمچە يېمەكلىك، تازلىق، ساغلاملىق، گىرىم بۇيۇملىرى، بالىلار مەھسۇلاتلىرى، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، كېيىم –  كېچەك قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ئەرزلەر ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان. مۇلازىمەت تۈرىدىكى ئەرزلەر ئىچىدە  تېلېگراف مۇلازىمىتى، يېمەك – ئىچمەك، ھۆسۈن تۈزەش – چاچ ياساش، مونچا مۇلازىمىتى توغرىسىدىكى ئەرزلەر كۆپ بولغان. ئىستېمالچىلار  پاش قىلغان تاۋارلار ئىچىدە ھاراق – تاماكا، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، دورا ۋە ساقلىنى ساقلاش ۋە گىرىم بۇيۇملىرى قاتارلىقلار ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان.

 

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ