|
قاراماي ئېلېكتر ئىستانسىسى گاز تۇرۇبىسى گۇرۇپپىسىنىڭ سوۋۇتۇش مەشغۇلاتىنى ئۆزگەرتىپ، 7 – ئايلىق سۇ سەرپىياتىنى بۇلتۇرقىدىن %25 تۆۋەنلەتتى.
قاراماي ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ تۇرۇبىلىرى يېپىق ھالەتتىكى ئايلانما سۇ بىلەن سوۋۇتۇلىدىغان بولغاچقا، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ كەتكەندە، سۇ مىقدارىنى كۆپەيتىپ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىشكە توغرا كېلەتتى. ھەر يىلى سوۋۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سۈ مىقدارى پۈتۈن زاۋۇت سۇ سەرپىياتىنىڭ %8 ىنى ئىگىلەيتتى. سۇ سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، قاراماي ئېلېكتر ئىستانسىسىدىكى تېخنىكلار كۆپ قېتىم سىناق ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئاخىرى مۇۋاپىق مەشغۇلات ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقتى. بۇنىڭ بىلەن ئايلانما سۇ باش تۇرۇبا ئارقىلىق سوۋۇتۇش مۇنارىغا يەتكۈزۈلۈپ، تېمپېراتۇرىسى %32 تۆۋەنلىتىلىدىغان بولدى ھەم سۇۋۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ مىقدارى زور مىقداردا تۆۋەنلىدى.
|