|
جىڭ ناھىيىسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، ئېتىز – ئېرىق سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئاشۇردى.
بۇ ناھىيىدە 8 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئېتىز – ئېرىق سۇ قۇرۇلۇشىغا 44 مىليون 356 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، يېڭىدىن 21.69 كىلومىتېر سۇ سىڭمەس ئېرىق – ئۆستەڭ ياسالدى؛ 419 كىلومىتېر ئېرىق – ئۆستەڭ رېمونت قىلىندى، راۋانلاشتۇرۇلدى؛ يېڭىدىن 20 كۆز ماشىنىلاشقان قۇدۇق كولاندى، 58 كۆز ماشىنىلاشقان قۇدۇق رېمونت قىلىنىپ؛ يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش تېخنىكىسى ئومۇملاشتۇرۇلغان كۆلەم 85 مىڭ موغا يەتكۈزۈلدى؛ 2.2 كىلومېتىر توسما رېمونت قىلىنىپ، جىڭ دەرياسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلدى.
|