|
مارالبېشى ناھىيىسى مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سودىگەر، مەبلەغ جەلپ قىلىشتا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
مارالبېشى ناھىيىسى بۇ يىل ھەر دەرىجىلىك كادىرلاردا ‹‹ھەممە ئادەم سودىگەر چاقىرغۇچى، ھەممە ئادەم مۇلازىم بولۇش›› ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ سودىگەر، مەبلەغ جەلپ قىلىش مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتتى. ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت پوكىيى تەسىس قىلىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ رەسمىيەت بېجىرىشىگە قۇلايلىق ياراتتى. بايلىق ئەۋزەللىكى، مۇھىت ئەۋزەللىكى، سودىگەرلەر ئارقىلىق مەبلەغ جەلپ قىلىشنى چىڭ تۇتقانلىقتىن، 8 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە جەلپ قىلغان تۈر 25 كە، ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 383 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن ئايرىم – ئايرىم %64.63 ۋە %66.43 ئاشتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا بازارلىرىنى پائال ئېچىپ، ئۇششاق تاۋارلار، پىششىقلانغان مەھسۇلاتلار ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى تېزلەتتى.
|