باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ۋىلايەت–ئوبلاسىت خەۋەرلىرى
‹‹دېھقانلار ئائىلە قىرائەتخانىسى›› دېھقان– چارۋىچىلارنى خۇش قىلدى
2008- 10- 14 11:22 شىنجاڭ گېزىتى

   تېكەس ناھىيىسىنىڭ چىلئۆزەك يېزىسىدىكى دېھقان ئابىلبېك يېقىندا، بىر ئېغىز ئۆيىنى قىرائەتخانا قىلىپ، يېزىدىكى دېھقان – چارۋىچىلارنى كىتاب ئوقۇش شارائىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن ناھىيىلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ئىدارىسى ئابىلبېكنىڭ بۇ قىرائەتخانىسىغا 500پارچە ئۇيغۇر، قازاق يېزىقىدىكى كىتاب، ژۇرنال، 30پارچە ئۈن – سىن پىلاستىنكىسى ۋە ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››، ‹‹ئىلى گېزىتى››، ‹‹شىنجاڭ پەن – تېخنىكا گېزىتى›› ياردەم قىلدى.

   نۆۋەتتە، يېزىدىكى دېھقان – چارۋىچىلار ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئارىسال ۋاقىتلىرىدا بۇ قىرائەتخانىغا كېلىپ، تېرىقچىلىق، چارۋىچىلىق توغرىسىدىكى پەن – تېخنىكا كىتابلىرى ۋە باشقا مەدەنىيەت بىلىملىرىگە ئائىت كىتابلارنى ئوقۇپ، ئىشلەپچقىرىش ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرمەكتە.   

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ