باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش جۇڭگونىڭ زىتىغا تەگدى
2008- 10- 14 10:58 شىنجاڭ گېزىتى

   ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى جۇڭگونىڭ ياردىمىگە ئەڭ ئېھتىياجلىق پەيتتە، بۇش ھۆكۈمىتى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئىبارەت بۇ ‹‹ھەرە ئۇۋىسى››نى يەنە بىر قېتىم يۈرەكلىك كوچىلىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 3 – ئۆكتەبىر تەيۋەنگە 6 مىليارد 463 مىليون دوللار قىممىتىدە قورال – ياراغ سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، جۇڭگو دەرھال كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈردى، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەشنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار كۈچلۈك ئەيىبلىدى، تەيۋەن بوغۇزىدا  نەچچە ئايدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان جىددىيلىك ۋە داۋالغۇش كۆرۈلدى.

جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يامانلىشىشى مۇمكىن

   ئامېرىكا ‹‹نيۇ – يورك ۋاقتى›› گېزىتىنىڭ 4 – ئۆكتەبىردىكى ‹‹تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش جۇڭگونىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى›› دېگەن خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قىممىتى 6 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان قورال  – ياراغ سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى جۇڭگونىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى، بېيجىڭدىكى ئەمەلدارلار بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قورال سودىسى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يامانلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

   ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، فرانسىيە ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا رادىئو شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئاخبارات ۋاسىتىسى جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى باياناتچىسىنىڭ پوزىتسىيىسىنى خەۋەر قىلدى. ئامېرىكا بىلومبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ 5 – ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: ‹‹جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ››، تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق، جۇڭگونىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كەلگەنلىك ھېسابلىنىدۇ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىش يېڭى ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت تارىخىي يۈزلىنىشنى ‹‹ھېچكىممۇ توسىيالمايدۇ››.

   جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پروفېسسور جىن سەنرۇڭ ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم جۇڭگونىڭ بۇ ۋەقەگە قايتۇرىدىغان ئىنكاسىنىڭ بۇنداق كۈچلۈك ۋە تېز بولۇشىنى ھېچكىم ئويلاپ يەتمىگەن. ئامېرىكا ھازىر جۇڭگونىڭ كۈچىگە تايىنىپ پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ پاتقىقىدىن قۇتۇلۇشقا موھتاج، جۇڭگودىن ياردەم تەلەپ قىلىپ تۇرۇقلۇق  يەنە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ئەلۋەتتە جۇڭگونىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدۇ.

تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشتە بەش تۈردە ‹‹بىرىنچى››لىك قولغا كەلتۈرۈلگەن

   جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىنكاس قايتۇرۇشتىن بۇرۇنلا، ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشنىڭ جۇڭگونىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتكەن، چۈنكى تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى سەزگۈر مەسىلە، بۇ قېتىمقى قورال سېتىپ بېرىش نېمىلا دېگەن بىلەن ‹‹كىچىك ھەرىكەت›› ئەمەس.

   ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 3 – ئۆكتەبىر، پارلامېنتقا تەيۋەنگە ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 6 مىليارد 463 مىليون دوللارغا يېتىدىغان قورال سېتىپ بېرىش لايىھىسىنى سۇنغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، قورال سېتىش پىلانىنى رەسمىي يولغا قويغان. ئەگەر ئامېرىكا پارلامېنتى 30 كۈن ئىچىدە قارشى پىكىر بەرمىسە، كېچىكتۈرگىلى ئۇزاق بولغان بۇ قورال سېتىش لايىھىسى بېكىتىلىدىكەن. 6 مىليارد 463 مىليون دوللار شۈبھىسىزكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سان، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى ئىدارىسى تور پونكىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 1950 – يىلىدىن 2006 – يىلىغىچە، تەيۋەن ئامېرىكىنىڭ چەت ئەلگە قورال سېتىش تۈرى ئارقىلىق جەمئىي 18 مىليارد 300 مىليون دوللار قىممىتىدە قورال – ياراغ سېتىۋالغان، ھالبۇكى بۇ قېتىملىق قورال سېتىش لايىھىسى ئىلگىرىكى 50 نەچچە يىلدىن بۇيانقى  قورال سېتىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.

   ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى دۆلەت مۇداپىئە خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى ئىدارىسى رەتكە تۇرغۇزغان قورال سېتىش تىزىملىكىگە ئاساسلانغاندا، تەيۋەنگە سېتىلىدىغان بۇ بىر تۈركۈم قورال – ياراغ ‹‹ۋەتەنپەرۋەر – 3›› بەلگىلىك 330 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ‹‹T2–E›› بەلگىلىك سىگنالچى ئايروپىلاننى ئىلغارلاشتۇرۇش سىستېمىسى، ‹‹ئاپاچ›› بەلگىلىك 30 ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلان، ‹‹F–16›› قاتارلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ زاپچاسلىرى، سۇ ئاستى كېمىسىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان ‹‹بېلىق ئارىسى›› بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ‹‹نەيزە›› بەلگىلىك تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. سىنگاپورنىڭ ‹‹بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر››گېزىتىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن قورالغا تەيۋەننىڭ بىرىنچى قېتىم ئېرىشىشى، مەسىلەن: سۇ ئاستى كېمىسىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان ‹‹بېلىق ئارىسى›› بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ‹‹ئاپاچ›› بەلگىلىك ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە ‹‹ۋەتەنپەرۋەر – 3›› بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا، يەنە ‹‹ئاپاچ›› بەلگىلىك ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ قورال سېتىش لايىھىسىگە قوشۇمچە قىلىنغان ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان ‹‹نەشتەر›› بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ‹‹دوزاخ ئوتى›› بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغىمۇ تۇنجى قېتىم ئېرىشىشى بولۇپ، جەمئىي بەش تۈردە ‹‹بىرىنچى››لىك قولغا كەلتۈرۈلگەن.

ئامېرىكا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى تەڭشىمەكچى ۋە كونترول قىلماقچى

   پروفىسسور جىن سەنرۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش ئامېرىكىنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى يەنە تەڭشىمەكچى ۋە كونترول قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش تەيۋەنگە تەسىر كۆرسىتىشتىكى بىۋاسىتە ئۇسۇل. بولۇپمۇ ھازىر ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى بىر قەدەر يۇمشاپ قالدى، ئامېرىكا پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايدۇ، ئۇ بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق تەيۋەن مەسىلىسىدىكى تەسىر كۈچىنى داۋاملىق ساقلاپ قالماقچى.

   جىن سەنرۇڭ مۇنداق دېدى: قورال سېتىش لايىھىسى پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى زۆرۈر، شۇڭا جۇڭگونىڭ پارلامېنت 30 كۈندىن كېيىن تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلغاندىن كېيىنكى ئىنكاسى ئەڭ مۇھىم. ئەگەر قورال سېتىش لايىھىسى تەستىقلانسا، جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ناھايىتى چوڭ ئاۋارىچىلىكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى بىر قىسىم قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە ھەمكارلاشماسلىق پوزىتسىيىسى قوللىنىدۇ، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ بازارنى قۇتقۇزۇش سىياسىتىگە ھەمكارلىشىشتا غايەت زور ئىچكى سىياسىي بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ، پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشتا قىيىنچىلىق زورىيىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت چاۋشيەن يادرو قورالى مەسىلىسى ۋە ئىران يادرو قورالى مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىدىمۇ قىيىنچىلىق زورىيىدۇ. ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتمايدۇ.

‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ