باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىل سانائەتكە سالغان مەبلىغى 100مىليارد يۈەندىن ئېشىشى مۇمكىن
2008- 10- 14 10:55 شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ نۇقتىلىق مەبلەغ سېلىش تۈرى توغرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئالدىنقى سەككىز ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر – بازارلارنىڭ سانائەتكە سالغان تۇراقلىق مۈلۈك مەبلىغى 61 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 31 ئاشقان. ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ يىل سانائەتكە سالغان مەبلەغ تۇنجى قېتىم 100 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 120 مىليارد يۈەنگە يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

   سانائەتكە سالغان مەبلەغ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تۇراقلىق مۈلۈككە سالغان مەبلىغىنىڭ  %56.2ىنى ئىگىلەپ، تۇراقلىق مۈلۈككە سالغان مەبلەغنىڭ ئاساسىي قىسمىغا ئايلاندى، سانائەت مەبلىغى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

   رايون نۇقتىسىدىن قارىغاندا، كۆپ ساندىكى ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ سانائەتكە سالغان مەبلىغى تېز سۈرئەتتە ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار ۋە  قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ مەبلەغ سېلىش سۈرئىتى% 100تىن ئاشقان. قەشقەر ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىقلارنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %50 بولغان.

   ئاپتونوم رايونىمىز ئىچكى – تاشقى ئىقتىسادىي مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تەسىرگە تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنى تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، سانائەت ئىقتىسادىدا ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قالدى.

   ھازىر يۈزدەك نۇقتىلىق سانائەت تۈرى ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلىپ، 36 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، سانائەت مەبلىغىنىڭ %58ىنى ئىگىلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 30 تۈر شۇ يىللىق پىلاننىڭ %70ىنى تاماملىغان. 

   بۇ سۆھبەتكە قاتناشقان 40 كارخانا 60 تۈرگە مەبلەغ سېلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. جۇڭگو نېفىتى تارىم شۆبە شىركىتى قاتارلىق بەش چوڭ نېفىت شىركىتى نېفىت تەكشۈرۈش ۋە نېفىت ئايرىشقا 21 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەتكە سالغان مەبلىغىنىڭ %35ىنى ئىگىلىگەن. شىنجاڭ ئېلېكتر شىركىتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئېلېكتر تورىدا توك يەتكۈزۈش، شۇنداقلا توك مەنبەسى تۈرى پائال ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ‹‹11 – بەش يىل›› نىڭ 3 – يىلى بولۇپ، 2006 – يىلىدىن بۇيان سانائەتكە  223مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، ‹‹10 – بەش يىل›› دىكى مەبلەغ سېلىشنىڭ 1.2 ھەسسىسىگە توغرا كېلىپ، ‹‹11 – بەش يىل›› دىكى نىشاننىڭ %49.8ى ئورۇندالغان.

   ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىقتىساد – سودا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يۇڭمىڭ يىغىندا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدا سانائەتكە مەبلەغ سېلىش سۈرئىتى خېلى تېز بولدى، بىر تۈركۈم ئەمەلىي ئىقتىدار ۋە تەسىرگە ئىگە سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئۇتۇقلىرىغا كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. ھۆكۈمەت ياخشى سەھنە ھازىرلاپ، شىنجاڭنىڭ سانائەت ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا يولۇققان ھەر خىل مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ھەمكارلىشىدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ