|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى. ‹‹سەنلۇ›› ماركىلىق بوۋاقلار سۈت پاراشوكى ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى ئېلىمىزنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم گەۋدىلىكرەك مەسىلىلەرنى ئاشكارىلاپ، ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈنۈملۈك قانۇن – تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، گۇۋۇيۈەن 9 – ئۆكتەبىر ‹‹سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش نىزامى››نى ئېلان قىلدى.
نىزامدا سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئىنەك بېقىش، يېڭى سۈت سېتىۋېلىشتىن تارتىپ سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشقىچە بولغان پۈتكۈل جەرياندىكى سۈپەت ۋە بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەر چىڭىتىلدى، قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش قىلمىشلىرىنى جازالاش سالمىقى ئاشۇرۇلدى ۋە نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغاندىكى قانۇنىي جاۋابكارلىقى ئېغىرلىتىلدى.
نىزامدا مۇنۇلار بەلگىلەندى: نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش تارماقلىرى سۈت مەھسۇلاتلىرىنى قەرەللىك نازارەت قىلىپ تاللاپ تەكشۈرۈشى، پاش قىلىش ئۇسۇلى ۋە نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىشى شۇنىڭدەك قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپ چىقارغۇچىلار ۋە ساتقۇچىلار ‹‹قارا تىزىملىكى›› تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك. سۈت مەھسۇلاتلىرىدا سۈپەت ۋە بىخەتەرلىك ۋەقەسى كۆرۈلۈپ، ئېغىر ئاقىۋەت ياكى ناچار تەسىر پەيدا قىلسا، مۇناسىۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى بار مەسئۇللىرىنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
نىزامدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يېڭى سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى دۆلەت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كېلىشى كېرەك. سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى دۆلەت ئۆلچىمى سۈت مەھسۇلاتلىرىدىكى كېسەل پەيدا قىلىدىغان مىكرو ئورگانىزملار، دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقلىرى، ھايۋانلارغا بېرىلىدىغان دورا قالدۇقلىرى، ئېغىر مېتاللار ۋە ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا ماددىلارنىڭ مىقدار چېكى بەلگىلىمىسى، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جەريانىدىكى تازىلىق تەلىپى، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈشتە ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل ۋە تەرتىپ، سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار سۈپەت تەلىپى ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى، بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى دۆلەت ئۆلچىمىگە كىرگۈزۈش كېرەك بولغان باشقا مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
بۇنىڭدىن سىرت نىزامدا يەنە مۇنداق بەلگىلەندى: دۆلەت ئىنەك باقمىچىلىقىغا قارىتا سىياسەت خاراكتېرلىك سۇغۇرتا تۈزۈمى ئورنىتىدۇ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مالىيە تارماقلىرى سۈتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەم ئىنەك باقمىچىلىرى ۋە سۈتچى دېھقانلارنىڭ كەسپىي ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىقلارنى كرېدىت ياردىمى بىلەن رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.
نىزام جەمئىي سەككىز باب، 64 ماددا بولۇپ، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
|