باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
خەلقئارا تېز خەۋەرلەر
2008- 10- 14 10:48 شىنجاڭ گېزىتى

   . جۇڭگو مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى يۇڭ 12 – ئۆكتەبىر ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان دۇنيا بانكىسى بىلەن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىرلەشمە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ 78 – نۆۋەتلىك يىغىنىدا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

   . باڭلادىش كوممۇنىستىك پارتىيىسى (ماركسىزم – لېنىنىزمچىلار) 12 – ئۆكتەبىر پايتەخت داككادا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويغان 30 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىلىرىنى  ماختىدى ھەم جۇڭگونىڭ باڭلادىشنىڭ تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى.

   . تايلاند زۇڭلىسى سومچاي 12 – ئۆكتەبىر مەملىكەت بويىچە تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي گۇرۇھلارنىڭ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ھازىرقى زىددىيەتنى پەسەيتىدىغان ۋە ھەرقايسى تەرەپنى ياراشتۇرىدىغان لايىھىنى ئىزدىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

   . سومالىنىڭ شىمالىي رايونىغا جايلاشقان پۇنتلاندتىكى خەۋپسىزلىك قىسىمى 12 – ئۆكتەبىر دېڭىز قاراقچىلىرى تەرىپىدىن بۇلانغان يۈك پاراخوتىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلدى ھەم دېڭىز قاراقچىلىرى بىلەن ئېتىشتى. ئېتىشىشتا، ئىككى دېڭىز قاراقچىسى بىلەن خەۋپسىزلىك قىسمىنىڭ بىر ئەسكىرى ئۆلدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ