باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېزا ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قانچە چوڭ مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى››غا پىكىر ئېلىش ئۈچۈن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى
2008- 10- 14 10:33 شىنجاڭ گېزىتى

خۇجىنتاۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 13 – ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ھۆججىتى توغرىسىدا دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ پىكر – تەكلىپىنى ئاڭلىدى.

   ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى خۇ جىنتاۋ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

   ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

   سۆھبەت يىغىنىدا، خۇ جىنتاۋ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ھۆججىتىنى تەييارلاشتا كۆزدە تۇتقانلىرى ۋە ھۆججەت ئورىگىنالىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى تونۇشتۇردى. ئۇ دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى رەھبەرلىرى ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ئېچىلىپ سۆزلەپ، ھۆججەت ئورىگىنالىنى ئۆزگەرتىش پىكىر – تەكلىپلىرىنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى.

   كۆپچىلىك ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېزا ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ 30 يىلدىن بۇيانقى تارىخىي مۇساپىسىنى ئەسلىشى ۋە تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىشىگە قوشۇلۇدىغانلىقىنى، ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېزا ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى، نىشان – ۋەزىپىسى، مۇھىم پرىنسىپلىرى، تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئۇلار شەھەر، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، تېرىلغۇ
››ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېزا ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر يەرلەرنى قوغداشنى كۈچەيتىش، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ پەن – تېخنىكا تەركىبىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، يېزا پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىچە دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈش، يېزىلاردىكى خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش، ئىككى قىرغاقنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلامنىڭ دېموكراتىك باشقۇرۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېزا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

   خۇ جىنتاۋ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك نۇرغۇن قىممەتلىك، يوللۇق پىكىر – تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆپچىلىكنىڭ يېزا ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلىنىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلدى، بىز بۇلارنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىمىز، ئاكتىپ قوبۇل قىلىمىز.

   خۇ جىنتاۋ مۇنداق كۆرسەتتى: ئېلىمىز يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلىتى، يېزا نوپۇسى مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ، مۇشۇنداق ئىجتىمائىي شارائىتتا خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، سوتسيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قىلىشتا يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى جەزمەن چىڭ تۇتۇلىدىغان ئومۇمىي ۋە نېگىزلىك مەسىلە قاتارىدا تۇتۇش كېرەك. ئۇزاق ئەمەلىيەت داۋامىدا، پارتىيىمىز ماركسىزمنىڭ ئومۇمىي قائىدىسىنى ئېلىمىزنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىگە باشتىن – ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلدى، ئۇنى كۈچەپ ھەل قىلدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيىمىز كۆپ قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلدى. يېڭى تارىخىي پەللىدە ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، جەزمەن يېزا ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك؛ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىلىرىگە يۈزلىنىپ، يېزىلارنىڭ تۈزۈلمە، مېخانىزمىدا جەزمەن داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىش كېرەك؛ پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىغا يېتىشتىن ئىبارەت يېڭى تەلەپنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى جەزمەن تېزلىتىش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتا يېزا ئىسلاھاتى يەنىلا ئېلىمىز ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم ھالقىسى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتى يەنىلا ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئاساسى بولىدۇ. يېزا ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتقاندىلا، پۈتكۈل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلىگىلى، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

   خۇ جىنتاۋ مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ پۈتكۈل خىزمىتىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، شۇنداقلا بىرلىك سەپ ئەزالىرىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشىدىكى مۇھىم تەرەپ. كۆپچىلىكنىڭ يېزا ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىگە بولغان تونۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى سۈپىتىدە ھەقىقىي تۇتۇشىنى؛ ئىختىساسلىقلار كۆپ بولۇش، ئەقلىي كۈچ جۇغلاشقان بولۇش، ئالاقە دائىرسى كەڭ بولۇشتەك ئەۋزەللىكنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، يېزىلارنىڭ تۈزۈلمسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، يېزىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يېزا ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە ئىنكاس قىلىپ، خىزمەتنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا تەكلىپ – پىكىر بېرىشىنى؛ مەكتەپ قۇرۇش – باشقۇرۇش، تەدبىر بەلگىلەشكە مەسلىھەت بېرىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، پەن – تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىجتىمائىي مۇلازىمەتنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇش، يېزا ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ يېڭى تەسەۋۋۇرى ۋە يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش جەھەتتە كۈچەپ، سوتسيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

   خۇي لياڭيۈ، لىڭ جىخۇا، ۋاڭ خۇنىڭ، دۇ چىڭلىن، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. سۆھبەت يىغىنىغا يەنە جاڭ مېييىڭ، جاڭ روڭمىڭ، لى ۋۇۋېي، لو فۇخې، چېن زۇڭشىڭ، ۋاڭ جىجېن ۋە جاڭ باۋۋېن، گۇ شېڭزۇ، ۋاڭ چىنمىن، چېن كاڭفۇ، ۋاڭ يىفۇ، شيې جىڭروڭ، يۈەن سى قاتارلىق پارتىيە سىرتىدىكى زادلار قاتناشتى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ