|
‹‹شەرققە نەزەر››ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ 38 – سانىدا يۈەن لۇڭپىڭ زىيارەت قىلىنغان ماقالە ئېلان قىلىندى. يۈەن لۇڭپىڭ ئاشلىق باھاسى ۋە ئاشلىق قوشۇمچە ياردەم پۇلى مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئاشلىق باھاسى نازۇك مەسىلە. ئاشلىق باھاسى ئۆسۈپ كەتسە، زەنجىرسىمان تەسىر پەيدا قىلىپ، مال باھاسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈشىگە سەۋەب بولىدۇ. ئاشلىق باھاسى بەك چۈشۈپ كەتسە، دېھقانلار زىيان تارتىپ، ئۇلارنىڭ ئاشلىق تېرىش قىزغىنلىقى سۇسلىشىپ، ئاشلىق مەھسۇلاتى كېمىيىپ كېتىدۇ.
يۈەن لۇڭپىڭنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى ئاشلىق قوشۇمچە ياردەم پۇلى سىياسىتى مۇۋاپىق ئەمەس ئىكەن. بىرىنچىدىن، بېرىلىدىغان قوشۇمچە ياردەم پۇل ئاز بولۇپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىشتىن ئالىدىغان پايدىسى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشتىن قىلغان كىرىمگە يەتمەيدىكەن، ئىككىنچىدىن، قوشۇمچە ياردەم پۇلى ئۆلچىمىدە مەسىلە بار ئىكەن؛ يەر كۆلىمى بويىچە قوشۇمچە ياردەم پۇلى بەرگەندە، ھەر موسىغا قاراپ ئاشلىقتىن ھوسۇل ئېلىنسۇن ياكى ئېلىنمىسۇن ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىدۇ. دېھقانلارنىڭ دۆلەتكە سېتىپ بەرگەن ئاشلىق مىقدارىغا قاراپ قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا، دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغىغىلى بولىدۇ.
يۈەن لۇڭپىڭ مۇنداق قارىدى: دۆلەت نېفىت قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىشكە كۆپ پۇل ئاجراتتى. ھازىر دۆلىتىمىزدە ماي باھاسى خەلقئارادىكىدىن كۆپ تۆۋەن، بىر لېتىر ماينىڭ باھاسى ئالتە يۈەندىن كۆپرەك، ئۇنىڭ ئەسلىي تەننەرخى ئون يۈەندىن كۆپرەك، ئارىدىكى ئۈچ يۈەندىن كۆپرەك قوشۇمچە ياردەم پۇل چوڭ نېفىت شىركەتلىرىگە بېرىلدى. ئاممىۋى ئاپتوبۇس قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش ساھەلىرىگە نېفىت قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىلسىمۇ، خۇسۇسىي ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى پۇلدارلار تۇرۇقلۇق، ئۇلارغا نېمىشقا قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر خۇسۇسىي ئاپتوموبىللارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ماي سەرپىياتىمۇ ئۆرلەپ كەتتى، مۆلچەرلىنىشىچە، %30 قوشۇمچە ياردەم پۇل شۇلارغا خەجلىنىۋېتىپتۇ. بۇ پۇللار ئەسلى دېھقانلارغا قوشۇمچە ياردەم پۇل قىلىنىپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى.
|