|
سەھىيە مىنىستىرلىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان سەككىز ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارغا يودلۇق تۇز باھاسى ياردەم پۇلى بېرىشنى يولغا قويۇش خىزمىتى مۇھاكىمە يىغىنى 11 – ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، شىزاڭ، شىنجاڭ، چىڭخەي، سىچۇەن، چۇڭچىڭ، گەنسۇ، خەينەن، يۈننەندىن ئىبارەت سەككىز ئۆلكە (شەھەر)، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى. سەھىيە مىنىستىرلىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بەي خۇچۈن، ب د ت بالىلار فوندىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋېي يىڭيىڭ يىغىنغا قاتناشتى.
ئاپتونوم رايونىمىز يود ئېغىر كەمچىل رايون، ھازىر يەنە بەش ۋىلايەت، ئوبلاست (ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، تۇرپا ن ۋىلايەتلىرى، قىزىلسۇ ئوبلاستى)تىكى 40 ناھىيە(شەھەر) يود كەمچىللىك كېسىلىنى ئاساسەن تۈگىتىش نىشانىغا تېخى يەتمىدى، يود كەمچىللىك كېسىلى 5 مىليون ھەر مىللەت دېھقان – چارۋىچىنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت سالماقتا. شۇڭا ئاپتونوم رايون مالىيىسى 2007 – يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 18 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، يود كەمچىللىك كېسىلى ئېغىر نۇقتىلىق رايونلاردىكى نامرات دېھقان – چارۋىچىلارغا يودلۇق تۇز باھاسى ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. بۇ يىل سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىغا قەدەر 2 مىليون 853 مىڭ 200 نامرات دېھقان – چارۋىچىغا 13 مىڭ 129 توننا 663 كىلوگرام يودلۇق تۇز تارقىتىپ بېرىلدى.
|