|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ 8 – ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ئارمىيىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خۇلاسە يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق تەكىتلىدى: ئارمىيىدىكى بارلىق يولداشلار يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلۇغ روھىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئارمىيىنىڭ پارتىيىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، باتۇر، ئۇرۇشقا ماھىر بولۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇپ، ئارمىيىنىڭ يېڭى ئەسىر، يېڭى باسقۇچتىكى پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن تارىخىي بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گو بوشيۇڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ سەيخۇ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن لياڭ گۇاڭليې، چېن بىڭدې، لى جىنەي، لياۋ شىلۇڭ، چاڭ ۋەنچۈەن، جىڭ جىيۈەن، ۋۇ شېڭلى، شۈ چىلياڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
خۇ جىنتاۋ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر – جەڭچىلىرى، قوراللىق قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى ۋە خەلق ئەسكەرلىرى، زاپاس ھەربىيلەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، تەقدىرلەنگەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى قەھرىمان كوللېكتىپ ۋە نەمۇنىچى شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى. خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مەملىكەتلىك يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بويىچە خۇلاسىلەش – تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، مەملىكەت بويىچە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى قەھرىمان كوللېكتىپ ۋە نەمۇنىچىلارنى داغدۇغىلىق تەقدىرلىدى. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە، ئارمىيە ۋە قوراللىق قىسىم كوماندىر – جەڭچىلىرى خېيىمخەتەرگە پەرۋا قىلمايدىغان قەھرىمانلىق جاسارىتى بىلەن ھەممىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، يۈكنىڭ ئېغىرىنى دادىللىق بىلەن كۆتۈرۈپ، قەيسىرانە ئېلىشىپ، ئۇدا كۈرەش قىلىپ، ئاساسىي قوشۇن ۋە زەربىدار ئەترەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇپ، ۋەتەن ۋە خەلققە يېڭى خىزمەت كۆرسەتتى.
خۇ جىنتاۋ مۇنداق تەكىتلىدى: ئارمىيىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىگە قاتنىشىشتىكى ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ ۋە قوبۇل قىلىپ، خەۋپسىزلىك تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش، كۆپ خىل ھەربىي ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. پۈتكۈل ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى قەھرىمان نەمۇنىچىلاردىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ۋە خىزمەت كۆرسىتىپ تۆھپە قوشۇشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. تەقدىرلەنگەن ئورۇن ۋە شەخسلەر شەرەپنى قەدىرلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك.
|