باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىشچىلار مەدەنىيەت سارىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە كۈنى قۇتلۇقلاندى
2008- 10- 10 13:06 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     ئىشچىلار مەدەنىيەت سارىيى فوتو – سۈرەت، ھۆسىنخەت – رەسىم، يىغىپ ساقلانغان بۇيۇملار قاتارلىق ئۈچ تۈر بويىچە كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىشچىلار مەدەنىيەت سارىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە كۈنىنى قۇتلۇقلاپ، 50 يىللىق مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

    8 – ئۆكتەبىر خاتىرىلەش مۇراسىمىدا، 1968 – يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىشچىلار مەدەنىيەت سارىيىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن لى گۇاڭيۈ مەدەنىيەت سارىيىنىڭ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشى ۋە شانلىق نەتىجىلىرىنى ئەسلەپ مۇخبىرغا :‹‹مەدەنىيەت سارىيى بارلىق ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ ئورتاق ئائىلىسى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم مەدەنىيەت بازىسى›› دېدى.

    1958 – يىلى قۇرۇلغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىشچىلار مەدەنىيەت سارىيى ئىلگىرى ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەزگىل ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى مۇھىم پائالىيەت سورۇنى بولغان ئىدى. 50 يىلدىن بۇيان، ئۇ ‹‹ئىشچىلارنىڭ مەكتىپى ۋە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى›› بولۇشنى مىزان قىلىپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئارىسىدىكى سەنئەت ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيىلەپ، بارلىق ئىشچىلارنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىشنى ۋەزىپە دەپ بېلىپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر، ئاساسىي قاتلام، جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاممىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىشتا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى.

     يىغىپ ساقلانغان بۇيۇملار كۆرگەزمىسىدە، سەرخىل پوچتا ماركىلىرى ۋە قەرت قاتارلىقلار ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 50 يىلدىن بۇيانقى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلىرىنى نامايەن قىلىپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرىنى جەلپ قىلدى. خەي ياڭ ئىسىملىك يىغىپ ساقلىغۇچى ئىشچىلار مەدەنىيەت سارىيى مەدەنىيەت – تەنتەربىيە جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى:"ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن باشلاپ، مەن مەدەنىيەت سارىيىدا تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتتىم، بۇ جەرياندا خېلى كۆپ نەرسىلەرنى ئىگىلىدىم. مەن مەدەنىيەت سارىينىڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ تېخىمۇ بېيىپ، تېخىمۇ كەسپلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.››

    ئىگىلىنىشىچە: ئىشچىلار مەدەنىيەت سارىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، مەدەنىيەت سارىيى بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرىدىكەن. مەدەنىيەت – سەنئەت نومۇرلىرىنى تەشكىللەيدىكەن. ئۈرۈمچى ئۆسمۈر بالىلار رىيال چىلىش مۇسابىقىسى ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەر تىكتاك توپ مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىدارە – ئورۇن، مەھەللىلەرگە بېرىپ،  فوتو – سۈرەت، ھۆسىنخەت – رەسىم، يىغىپ ساقلانغان بۇيۇملار كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرىدىكەن ھەمدە ھەقسىز بەش مەيدان كىنو قويۇپ، مەركىزىي شەھەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىشتىن سىرتقى تۇرمۇشىنى بېيىتىدىكەن.
 

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ