|
ئاۋغۇستتا، بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنجېن قاتارلىق جايلاردا تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش كۆلىمى ۋە ئۆي باھاسىنىڭ چۈشۈشىنىڭ تەسىرى تۈپەيلى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئارزاق تۆۋەنلىگەنىدى، سېنتەبردىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدە تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش مىقدارى يەنە قايتىدىن ئۆرلەپ كەتتى.
7 – ئۆكتەبىر، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي مۈلۈك ھوقۇقى سودىسى مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۆي – زېمىن بازارلىرىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. بۇ يىل يانۋاردىن سېنتەبرگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە سېتىلىشقا ئەمەلىي تىزىملىتىلغان تاۋار ئۆي كۆلىمى 2 مىليون 677 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %95.01 ئاشتى، ئۇنىڭ ئىچىدە، سېتىلغان ئولتۇراق ئۆي كۆلىمى 2 مىليون 363 مىڭ 400 كۋادرات مېتىرغا يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %104.02 ئاشتى.
لېكىن، نىمكەش ئۆيلەر بازىرى سېنتەبىردە يەنىلا داۋاملىق كاساتلاشتى. سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، يانۋاردىن سېنتەبرگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە سېتىلغان نىمكەش ئۆي كۆلىمى 730 مىڭ 100 كۋادرات مېتىرغا يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %16.68 چۈشۈپ كەتتى؛ 6486 يۈرۈش نىمكەش ئۆي سېتىلىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %37.75 چۈشۈپ كەتتى.
|