|
ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى نۇقتىلىق تەكشۈرگەن 20 چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى تۈرلۈك ماللار ماگىزىنى، تاللا بازىرىنىڭ بايرام مەزگىلىدىكى مال سېتىش ئەھۋالىدىن ئايان بولۇشىچە، ئۆكتەبىر ئالتۇن ساياھەت ھەپتىسى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىستېمال بازارلىرىدا تاۋارلارنىڭ سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 244 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %20.6 ئاشقان.
بۇ يىلقى ئۆكتەبىر ئالتۇن ساياھەت ھەپتىسى — ماي ئالتۇن ساياھەت ھەپتىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى يەتتە كۈنلۈك دەم ئېلىش. ئۆكتەبىر ئالتۇن ساياھەت ھەپتىسى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى بازارلىرىدا تاۋارلار مول، سېتىش – سېتىۋېلىش قىزغىن بولۇشتەك خۇشاللىنارلىق مەنزىرە شەكىللەندى. ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى، يان تېلېفون، ئالتۇن – كۈمۈش، ئۈنچە – مەرۋايىت، گىرىم بۇيۇملىرى، كىيىم – كېچەك ۋە ئاياغ، شەپكە قاتارلىقلار ئالتۇن ساياھەت ھەپتىسى مەزگىلىدە بازارلىق مەھسۇلات بولۇپ قالدى. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئۆكتەبىر ئالتۇن ساياھەت ھەپتىسى مەزگىلىدە، ‹‹گومېي›› ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى، ‹‹سۇنىڭ›› ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى ۋە ‹‹خۇڭجىڭ›› خەۋەرلىشىش بازارلىرىنىڭ سېتىش كىرىمى 100 مىليون يۈەنگە يېقىنلاشقان؛ ھەر قايسى تۈرلۈك ماللار ماگىزىنلىرىدا ئالتۇن – كۈمۈش، ئۈنچە – مەرۋايىت ۋە گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشقان، ئالتۇن – كۈمۈش، ئۈنچە – مەرۋايىتلارنىڭ سېتىلىش سوممىسى 9 مىليون 293 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %44.1 ئاشقان؛ گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى 11 مىليون 65 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %21.9 ئاشقان.
|