|
يېڭىسار ناھىيىسىدە يولغا قويۇلغان ‹‹بىر دېلوغا بىر تولۇقلىما بېرىش›› تۈزۈمى ئاساسىي قاتلام خەلق مۇرەسسە خادىملىرىنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇرەسسە ئۈنۈمىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈردى.
ناھىيىلىك ئەدلىيە ئىدارىسى بۇ يىلنىڭ بېشىدا، مۇرەسسە ھەيئىتى مۇدىرلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى زىددىيەت – ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىپ ھەل قىلسا، بىر قېتىم تولۇقلىما ياردەم بېرىش، يەنى بىر ئاددىي ياكى مۇرەككەپ ماجىرانى مۇرەسسە قىلىپ، ئىككى تەرەپنى ياراشتۇرسا، ئۇنىڭ ھەر بىرىگە 20 يۈەن ۋە 30 يۈەن تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويغانىدى. بۇنىڭ بىلەن 9 – ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ناھىيە بويىچە ئاساسىي قاتلامدا يۈز بەرگەن 794 ماجىرانى مۇرەسسە قىلىپ، ھەر ئىككى تەرەپنى رازى قىلغان مۇرەسسە خادىملىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تولۇقلىما بېرىلدى. بۇ ئارقىلىق زىددىيەت – ماجىرالار ئۆز جايىدا ھەل قىلىنىپ، ئاممىنىڭ دەرىجە ئاتلاپ ئەرز قىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى.
|